ناخشا تېكىستلىرى
ئەمەتجان يۈسۈپ
قىزلار
قىزلار گۇزەل، قىزلار چىرايلىق،
بۇ جاھاننىڭ زىننىتى قىزلار.
قىزلار گۇزەل، قىزلار زىبالىق،
گۈل ھاياتنىڭ ئىززىتى قىزلار.
قىزلار گۇزەل، قىزلار چىرايلىق،
گۇزەللىكنىڭ ئەندىزى قىزلار.
يىگىتلەرنىڭ قەلبىدە چاقنار،
نورلۇق يۇلتۇز ئەختىرى قىزلار.
قىزلار گۇزەل، قىزلار چىرايلىق،
گۇزەللىكتە يوقتۇر باھاسى.
قىزلار گۇزەل قىزلار ھايالىق،
تاجىسىدۇر شەرمى ھاياسى.
قىزلار گۇزەل، قىزلار چىرايلىق،
كۈلكىسىدۇر تاڭنىڭ ساباسى.
ھەر نەپەستە مەستخۇش يىگىتلەر،
شۇ كۈلكۈلەر دىلنىڭ داۋاسى.
قايتۇرما:
گۇزەللىكنىڭ ئەندىزى قىزلار،
يىگىتلەرنىڭ ئەختىرى قىزلار.
يارالغان ئەر-ئايال بىر جۈپ
(ناخشا تېكىستى)
ئۆزۈڭنى ماختىدىڭ ئەر دەپ،
ئاياللار خارمىكەن ئويلا.
ساڭا يايراش ئۈچۈن كەڭرى،
ئۇلارغا تارمىكەن دۇنيا.
ئاناڭ كەلمەمدۇ يادىڭغا،
ئايالنى پەس،چاكار كۆرسەڭ.
قىزىڭ پاتسۇنمۇ ھەسرەتكە،
ئۇلارنى خەس-چاۋار كۆرسەڭ.
دىلى نازۇك،ئازار قىلما،
ئاتالساڭمۇ بولۇپ ھاتەم.
يارالغان ئەر-ئايال بىر جۈپ،
گۈزەلدۇر شۇ سەۋەپ ئالەم.
سېنى ئەسلەپ
(ناخشا تېكىستى)
سېنى ئىزدەپ گۈزەل باغلار
ئارا گۈللەرگە ئوخشاتتىم.
خىيال ئىچرە بۇلاقلارنى،
قارا كۆزلەرگە ئوخشاتتىم.
سابا بىرلە سالام يوللاپ،
پىراقىڭدا سېنى ئويلاپ.
يىراقتىن سايرىسا كاككۇك،
داۋا سۆزلەرگە ئوخشاتتىم.
سېنى ھەر ئەسلىسەم دىلدار،
يۈرەكىم دەرت بىلەن يىغلار.
سېنىڭسىز باغۇ-بوستاننى،
گۇيا چۆللەرگە ئوخشاتتىم.
1993-يىل5-ئىيۇل
تەنھالىق كۈيى
(ناخشا تېكىستى)
دىلىم يىغلايدۇ ھەسرەتتە،
پىغانلىق كۈنلىرىم تەنھا.
غېرىپلىق ئېلكىدە كۆڭلۈم،
جۇدالىق تۈنلىرىم تەنھا.
سېنى كۈتتۈم بىتاقەتتە،
يولۇڭدا تەلمۈرۈپ تەنھا.
ئۈمىد ئۈزمەي خىيال ئىچرە،
سېنى مىڭ كەلتۇرۇپ تەنھا.
مۇڭۇمغا جۆر بولۇپ كاككۇك،
تۆكۈپ ياش سايرىدى تەنھا.
بىلەمسەن باغرى قان يارىڭ،
ئاراملىق تاپمىدى تەنھا.
1993-يىل9-ئاۋغۇست
گۈل مىھرى
(ناخشا تېكىستى)
گۈل مىھرى گۈلۈم مىھرى،
ئەۋرىشىم زىبا مىھرى.
ئويغا مۇپتىلا قىلدىڭ،
بىر بېقىپ قىيا مىھرى.
كۆزلىرىڭ بۇلاق مىھرى،
كىرپىكىڭ قىياق مىھرى.
كۆڭلۈمنىڭ ئارامىدۇر،
مەڭزىڭدە زىناق مىھرى.
گۈل مىھرى قوياش مىھرى،
قەلبىمگە زىيا مىھرى.
مىھرىڭنى ماڭا بەرگىن،
دەردىمگە داۋا مىھرى.
1993-يىل15-ئاۋغۇست
كۆڭلۈم
گۈزەل قامەتكە ئالدانما،
كۆزۈمنى ياشلىما كۆڭلۈم.
يۈرەكتىن ئۆچمىدى داغلار،
ئازاپقا تاشلىما كۆڭلۈم.
قايتۇرما: ھەۋەسكە باشلىما كۆڭلۈم،
ئازاپقا تاشلىما كۆڭلۈم.
رىيازەت چەكتى بۇ قەلبىم،
كىرىپ كەينىڭگە غەپلەتتە.
پۇشايماندا چىكىپ پەرياد،
دىىلىم يىغلايدۇ ھەسرەتتە.
ۋىسالنى ئىزدىمەك بولساڭ،
ئۆزەڭنى ئالدىما كۆڭلۈم.
تۇمار قىلغىن ساداقەتنى،
يۈگەنسىز قاترىما كۆڭلۈم.
1993-يىل17-ئاۋغۇست
كاككۇك
(ناخشا تېكىستى)
ئەجەپمۇ سايرىدىڭ مۇڭلۇق،
نىگارىم بېغىدا كاككۇك.
ماڭا سىرداش بولۇپ قالدىڭ،
جۇدالىق تېغىدا كاككۇك.
ئۈنىڭنى ئاڭلىسا يارىم،
سەھەردە ئويغۇنار كاككۇك.
ۋىسالغا ئىنتىزار كۆڭلى،
ئازاپتا تولغۇنار كاككۇك.
خەۋەر بەرگىن نىگارىمغا،
ئېچىلغان گۈل بولۇپ چىقسۇن.
رىيازەت چەكمىسۇن قەلبى،
تولۇن ئايدەك كۈلۈپ چىقسۇن.
1993-يىل18-ئاۋغۇست
گۈلۈم قايدا
(ناخشا تېكىستى)
ئەجەپ بىر كۈنگە مەن قالدىم،
ۋاپادار ئۇز گۈلۈم قايدا.
جۇدالىق دەشتىدە ئەمدى،
مېنىڭ ئىزدەر يولۇم قايدا.
ئازاپسىز ئۇيقۇغا كۆندۈڭ،
سېنى ھېچ ئويغۇتالمايمەن.
جۇدۇنلۇق قىش زىمىستاندا،
باھارنى ئۇنتۇيالمايمەن.
شىرىن چۈش كۆرمىگىن لالەم،
يۈرەكنى تىلغىماي ئەمدى.
جىمى ئىنسانغا كەڭ ئالەم،
ماڭا تار يىغلىماي ئەمدى.
1994-يىل 24-ئاۋغۇست
دوستۇم دېمە
(ناخشا تېكىستى)
دېمە دوستۇم كۆرەلمەسنى،
ۋاپا ئەھلىنى سۆيمەسنى.
ساڭا ئامەت بەخىت كەلسە،
دىلىدىن شاد كۈلەلمەسنى.
ھەسەتخوردىن ۋاپا كۈتمە،
تەمەخوردىن ھايا كۈتمە.
مۇشاققەت كۆۋرىكى بىرلە،
ساڭا يانداش ئۆتەلمەسنى.
قارا چاپلانسىمۇ مەيلى،
ۋە يا ئاقلانسىمۇ مەيلى.
شۈكىرگە قۈل غېرىپ بەندە،
كۈنىدىن ھېچ ئۇيالماسنى.
1996-يىل10-ئىيۇل
ئۇيغۇرۇم
پەسلى گۈل كۆكلەم باھار كۈلگەن شاھانە ئۇيغۇرۇم،
ئەل ئارا نامى ئولۇغ ئۆتكەن يىگانە ئۇيغۇرۇم.
بىر زامان قالدىڭ جۇدۇنلاردا يۈرەك چەكتى پىغان،
ھەسرىتىڭگە تاغۇ-تاش بولغان قىيانە ئۇيغۇرۇم.
ئەل ئۇچۇن مەردلىك يولىدا جان تەسەددۇق ئەيلىمەك،
*ئابدۇخالىق قەلبىدە يانغان نۇرانە ئۇيغۇرۇم.
تەرك ئېتىپ غەپلەتنى *«ئويغانغان زىمىن»نىڭ كۆزى ياش،
قالدى ئۆتكۈر*« ئىز»لىرى سۇنماس ئىرادە ئۇيغۇرۇم.
تاپ كامال ئەجداتلىرىم كۈتكەن ۋەتەن ۋارىسلىرى،
ئەجرىدىن بەختى يورۇق كۈلگەن زامانە ئۇيغۇرۇم.
1996-يىل 30-ئىيۇل
*ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كۆرسىتىدۇ
*ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق رومانلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
كەل ئوماق
(ناخشا تېكىستى)
ئۆتتى تەشنالىق جېنىمدىن ئىشتىياقىڭ كەل ئوماق،
مۇپتىلا قىلدى بۇ دەرتكە گۈل سىياقىڭ كەل ئوماق.
بىر قىيا باقتىڭ، مېنى سەرسانە مەجنۇن ئەيلىدىڭ،
رازىمەن كۆيدۈرسىمۇ ئاتەش پىراقىڭ كەل ئوماق.
بولدى قەلبىم پارە-پارە بۇ جۇنۇنلۇق دەشتىدە،
ئارمىنىم ئايسىز كېچە بولسام چىراقىڭ كەل ئوماق.
مەن سېنى سۆيمەكنى دىلدىن ئىختىيار قىلدىم نىگار،
بىر ئۆمۈر ئەھدى ۋاپا بولسۇن سىناقىڭ كەل ئوماق.
1996-يىل 2-ئاۋغۇست
خەلقىم
(ناخشا تېكىستى)
ئانامسەن جانىجان خەلقىم،
مېنى باغرىڭدا كۆكلەتكەن.
تۈمەن پەرزەنتلىرىڭ ئوخشاش،
ئىگىز ئاسمانغا ئۆرلەتكەن.
قايتارما: ئانامسەن جانىجان خەلقىم،
ئۆمۈرلۈك ئىپتىخار پەخرىم.
كۈيۈمنىڭ ئەۋجىدە نامىڭ،
سېنى ھەر پەللىدە يادلاپ.
ياشايمىز بەختىيار مەڭگۈ،
نۇرانە چىھرىمىز پارلاپ.
بېغىڭدا قۇشلىرىڭ سايراپ،
ئېتىزدا ناخشىمىز ياڭراپ.
كەبىئى جەننەت قۇچاقىڭنى،
ئۆتەرمەن بىر ئۆمۈر داڭلاپ.
1996-يىل 8-ئاۋغۇست
تۇيۇق يول
(ناخشا تېكىستى)
بولۇپ قالدۇق مەيگە مەستانە،
بۇ كوچىدا سېخى مەردانە.
كۆنۈپ قالدۇق كېزىپ مەيخانە،
ئۆزىمىزنى قىلىپ ۋەيرانە.
بوۋىلاردىن قالمىغان ئۇدۇم،
ئاتىلارمۇ دېمىگەن يولۇم.
بىز كىملەرنى دورىدۇق بۈگۈن،
قالدى بىزدىن ئۇلار ھەيرانە.
قايتارما: بولۇپ قالدۇق مەيگە مەستانە،
كۆنۈپ قالدۇق كېزىپ مەيخانە.
ئەقلىمىزنى مەي بىلەن بۇلغاپ،
ئۆتەرمىزمۇ باقمىدۇق ئويلاپ.
ھەسرەت يۈتۈپ قالارمىز بىر كۈن،
پۇشايماندا بولۇپ غەمخانە.
قايتارما:
قاترىمايلى ئىزدەپ مەيخانە،
تاپماي ئىجاد ئاتلىق جانانە.
1996-يىل 15-ئاۋغۇست
ئانام
ماڭا ئاغزىدا سۇ بەرگەن ،
لىۋى شەربەت ئانام نەدە.
ماڭا ئاغزىدا دان بەرگەن،
قولى بەركەت ئانام نەدە.
ماڭا بەش ۋاخ نامازىدا،
دۇئا ئەيلەپ مۇرادىمغا.
ۋېسال ئارزۇسىدا يۈرگەن،
ئۆزى ئامەت ئانام نەدە.
يېنىدا بولمىسام بىر كۈن،
بۇ دۇنيا بىر قاراڭغۇ تۈن.
كېلەر دەپ يولىغا تەلمۇرگەن،
دىلى ھەسرەت ئانام نەدە.
مېنى تاشلاپ ئۆزۈڭ كەتتىڭ،
دىلىمنى قان-يارا ئەتتىڭ.
جىمى ئىنساننى كۆندۈرگەن،
ئەجەپ قىسمەت ئانام نەدە.
قويدۇم ھومۇيۇپ
سەن كۆرمىدىڭ ئادەملەر قاتارى مېنى،
قاراڭغۇدا يىراقتىن قويدۇم ھومۇيۇپ.
ئۇچراشقاندا ئىگىلدىم كۆرسۈن دەپ سىنى،
ئۆتۈپ كەتسەڭ ئارقاڭدىن قويدۇم ھومۇيۇپ.
شۆھرەت تاپساڭ ماختايمەن تىلىم بال-شىكەر،
ئەمما ئىچىم ئېچىشار يۈرەك دەرت چېكەر.
مەن مۇشۇنداق ئادەممەن دىلىمدا زەھەر،،
قاراڭغۇدا كۆرمەستە شىردەك ھومۇيۇپ.
بىلەلمىدىم بىزدىكى بۇ قانداق ئادەت،
ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلىپ ھاقارەت،
كۆرەلمەيمىز بىرىمىزگە كەلسە قۇت-ئامەت،
ئۆز-ئۆزۈمگە نەپرەتتە قويدۇم ھومۇيۇپ.
1996-يىل 25-نويابىر
ئاپتاپ بولۇپ كەل يارىم
(ناخشا تېكىستى)
ئاپتاپ بولۇپ كەل يارىم،
ئازاپ بولۇپ كەل يارىم.
كۆرۈۋالاي قەلبىڭنى،
جاۋاپ بولۇپ كەل يارىم.
مەن سېغىندىم پىراقتا،
يۈردۈڭ بىغەم يىراقتا.
بولدى كۈلبەم مەيخانە،
ئۆزۈڭ تونۇپ كەل يارىم.
ئۆتەرمىزمۇ غەپلەتتە،
تاپماي ۋېسال، ھەسرەتتە.
شىرىن تاتلىق ئۇيقۇڭنى،
تاشلاپ قويۇپ كەل يارىم.
بۇلبۇلىڭمەن باغرى قان،
يۈرىكىدە دەرت پىغان.
قىزىل گۈلدەك لېۋىڭدە
شاراپ تۇتۇپ كەل يارىم.
1998-يىل14-ئاپرېل
ئوغلۇم
(ناخشا تېكىستى)
بۇدۇنيادا پەخرىمسەن ئوغلۇم،
ئىززىتىمسەن،قەدرىمسەن ئوغلۇم.
ھاياتلىقتا شادلىقىم،قايغۇم،
راھىتىمسەن،جەبرىمسەن ئوغلۇم.
ئاتاڭ رازى، ئەجدادىڭ رازى،
ئاناڭ رازى، ئەۋلادىڭ رازى.
خەلقىڭ ئۈچۈن جان پىدا ئەيلە،
ئەل ئالدىدا لەۋزىمسەن ئوغلۇم.
ئۈمىدى سەن ئاتاڭنىڭ شۇنداق،
نادانلىقتىن بولغىن سەن يىراق.
ھىكمەت بىلەن ئۆرلە پەللىگە،
غورۇرىمسەن،بەختىمسەن ئوغلۇم.
1997-يىل27-فېۋرال
مەشرەپ ھىكمىتى
مەشرەپ دېسە ئۇرغۇيدۇ قانلار،
مەشرەپ بىلەن ياشاردى جانلار.
ياشاپ كەلدى سەن بىلەن ئۇيغۇر،
بىرگە ئاتلاپ سانسىز داۋانلار.
بۆشۈكى سەن شەرمى ھايانىڭ،
لەززىتى ھەم گۇزەل ھاياتنىڭ.
ئۆتكىلى سەن ئادىمىيلىكنىڭ،
ھەيۋىتى ھەم بارچە پاراتنىڭ.
سەن تەۋەللۇت ئەيلىگەن مۇقام،
قانىتىنى يايدى جاھانغا.
ئەجدات روھى ياشاردى بۇدەم،
يەتكەن كەبئى بۈيۈك ئارمانغا.
سەندە ئايان ئەجدات خىسلىتى،
شۇ خىسلەتتە ئەۋلاد قىممىتى،
مەيلى تاتلىق ۋە ياكى ئاچچىق،
چېيىڭدا بار جاھان ھىكمىتى.
مەكتەپ مارشى
مەكتىپىم سەن ئانىمىز، بىلىم كانىمىز،
ھىكمىتىڭدىن شان قۇچۇپ نۇسرەت تاپىمىز.
مەڭگۇلۇك بىر ئابىدە سەن باسقان تارىخ،
زەپەر بويلاپ شۇ يولدا مەغرۇر ماڭىمىز.
يۇرتۇم ھۆسنى گۇل بولدى مىھرىڭ تۇتىيا،
سەنسىز كۈلمەس، كۆكلىمەس ھەر بىر گۈل-گىياھ.
قاناتلاندۇق، ئاتلاندۇق مەنزىللەر تامان،
مەدەتكارسەن، توسالماس بىزنى تىك قىيا.
لاۋۇلداتتىڭ ھەرقاچان ئىلم مەشئىلى،
ئاپتاپ بولۇپ يورىدى، نادانلار دىلى.
سەندە ئايان قوياشتەك ھايات ھېكمىتى،
ئۈمىدىڭدەك نۇرانە كېلەچەك يولى.
قايتارما:
قاناتلاندۇق ئاتلاندۇق مەنزىللەر تامان،
مىھرىڭ بىلەن مەڭگۈگە يولىمىز راۋان.
2009-يىلى7-فېۋرال
ئۇستاز مىھرى
(ناخشا تېكىستى)
دىلغا ئاپتاپ مىھرىڭىز ئۇستاز،
ئەۋلادلارغا چىھرىڭىز باھار،
سۇلتانى سىز ئەجىر-تۆھپىنىڭ،
سىزگە ھۆرمەت ئالقىشلار ياغار.
بارىڭىزنى ئەلگە ئاتىغان،
قەلىبلەرگە بەلگە قادىغان.
خىسلەتلەر كۆپ ۋۇجۇدىڭىزدا،
مۇشكۇللەردىن زىنھار يانمىغان.
سىز بەردىڭىز ئادىمىيلىكنى،
تونۇتتىڭىز بىزگە ھاياتنى.
قەلبىمىزدە ئۈمىد يېلىنجاپ،
مەنزىل تامان قاقتۇق قاناتنى.
قايتارما:
سىز پاسىبان ئەۋلاد بەختىگە،
سىز ھەر قاچان ھۆرمەت تەختىدە.
2009-يىل 9-مارت
ۋەتىنىم
(ناخشا تېكىستى)
ئانا يۇرتۇم گۇلىستانىم ئۆزۈڭ ۋەتىنىم،
ماڭا پەرمان سېنىڭ ھەربىر سۆزۈڭ ۋەتىنىم.
بەردىڭ ئەقىل، غورۇر، ۋىجدان پىداكارىڭمەن،
ساداقەتتە يورۇق ھامان يۈزۇڭ ۋەتىنىم.
قامەت ئاتا قىلدى بوغدا، تەڭرى تاغلىرى،
ئىلى، تارىم ئۆركەشلىرى كۆيۈڭ ۋەتىنىم.
جانغا راھەت ساپ ھاۋالىق گۇلشەن باغلىرى،
شۇ گۇلشەندە قىز-ئوغۇللار گۇلۇڭ ۋەتىنىم.
توغراقلاردا بار ئىجادكار ئەجدات سىماسى،
باھادىرلار باسقان ئىزدا يالقۇن لاۋاسى.
شانلىق تارىخ تۇپرىقىڭنىڭ ھەر بىر گىياسى،
ئاسايىشلىق مەنزىلىدۇر يولۇڭ ۋەتىنىم.
شاد بەختىيار كۈلدى خەلقىڭ ئىناق زاماندىن،
مەئىشەتكە تولغان گۇزەل ئىللىق ماكاندىن.
ئاتلاندى ئەل ئاشماق ئۇچۇن پەللە-داۋاندىن،
زەپەرلەردە ھەر كۈن يەنە تويۇڭ ۋەتىنىم.
2010يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنى
سېنى ئەسلىدىم
ئۆتتى كۆپ يىللار،ئۆچمىدى پىراق،
شىكەستە دىللار،ئۈمىدتىن يىراق،
ساداقەت دېمەك مەڭگۈلۈك بايراق،
قىرىق يېشىمدا سېنى ئەسلىدىم.
كونا خاتىرە،سارغايغان ۋاراق،
ئېزگۈ ئەسلىمە،ياشارغان قىياق،
كۆزۈم ئۆڭىدە شۇ گۈلگۈن زىناق،
ھەربىر تېڭىمدا سېنى ئەسلىدىم.
ئىشىكىڭ ئالدىدىن ئۆتەلمىسەممۇ،
كۈلسەڭ قوشۇلۇپ كۈلەلمىسەممۇ،
بۇنداق ھاياتقا كۆنەلمىسەممۇ،
بار دەپ يېنىمدا سېنى ئەسلىدىم.
خىلۋەت بېغىڭدا كۈتەلمىسەممۇ،
سېغىنغىنىمدا كۆرەلمىسەممۇ،
بېسىپ باغرىمغا سۆيەلمىسەممۇ،
يۈرەك قېتىمدا سېنى ئەسلىدىم.
تەنلىرىم سىماب كۈيلەر ئەۋجىدە،
سۆيگۈ ھىدى بار قانلار مەۋجىدە،
چاڭقاق سەيياھمەن ھىجران دەشتىدە،
چىققان تېغىمدا سېنى ئەسلىدىم.
ئۆتتى ئالدىراش تىنىمسىز ھايات،
دىلىمدا سۆيگۈ،ئىمان- ئىتىقاد.
تۇرمۇش دەرسىدىن ئالغاندا ساۋاد،
قىرانلىقىمدا سېنى ئەسلىدىم.
ھايات شۇنداقكەن قىسمەتلەرگە باي،
بىرى خارۇ-خەس،بىرى كۆكتە ئاي،
ۋېسالسىز ئۆتكەن ئاشىقلار تالاي،
يادلاپ دىلىمدا سېنى ئەسلىدىم.
2011-يىل12-ئاينىڭ 26-كۈنى
ئايگۈلۈم
(ناخشا تېكىستى)
ئايگۈلۈم،ئايدەك گۈلۈم،
شوخلىقى تايدەك گۈلۈم.
كۈلكىسى كۈلگەن بۇلاق،
چاڭقىدىم سايدەك،گۈلۈم.
ئايگۈلۈم ئايدەك گۈلۈم،
بىر ئوتلام چايدەك گۈلۈم،
مېھرى ئوت ئاتەش نەپەس،
سۆزلىرى مايدەك گۈلۈم.
ئايگۈلۈم قىينالدى جان،
بولدى دىل ھىجرىڭدە قان.
كاككۇكىڭ بولدۇم غېرىپ،
باغدا يالغۇز سايرىغان.
ئايگۈلۈم كەلگىن كۈلۈپ،
باقتىم يولۇڭغا ئىنتىزار.
شۇ ئەمەسمۇ ئىككىمىز،
زارىقىپ كۈتكەن باھار.
2012-يىل باھار.
ھاۋالە :
خەلقىمىز سەنئىتى ئۈچۈن خالىس تەر تۆكۈپ ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئۆزھال ئەپەندى، ئالدىراشلىق ئىچىدە كېتىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ۋە ئىجادىيەتلىرىڭىزگە چەكسىز ئۇتۇقلار تىلەيمەن. خىزمىتىڭىزنى قوللاش ۋە ئۆزۈمنىڭ ناخشا تېكىستى يازالايدىغان،يازالمايدىغانلىقىمنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بىرقانچە تېكىستنى يوللىدىم، ئىرىنمەي كۆرۈپ باقارسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا كونا مۇنبەرگە يوللاپ، ئىمكانىيەت بولسا ئاتاقلىق ناخشچىمىز سەنۇبەر تۇرسۇنغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆزىڭىزدىن ئۆتۈنگەن تۆۋەندىكى مۇۋەھششەنى يەنە يوللاپ قويدۇم.پۇرسەتلەر بولۇپ قالسا،سەنۇبەر خانىمغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز، ئاۋارە قىلدىم.
سېنىڭ ناخشاڭ
(مۇۋەششەھ)
سەنەملەر جىلۋىسى بالقىپ سېنىڭ گۈلگۈن جامالىڭدىن،
ئەنە **مەشرەپ كېلەر مەستخۇش *«ۋېسال» ئىزدەپ ئاۋازىڭدىن.
ناۋا بىرلە غېرىپ *«كاككۇك»، ئۈچۈن زەينەپ تۆكەر قان-ياش،
ئۇنىڭ كۆڭلى تاپار تەسكىن *«سېنىڭ ناخشاڭ»-دۇتارىڭدىن.
بېرىپ ئوتلۇق سالامىڭنى،دېدىڭ ئەلگە*«سالام خەلقىم»
ئەشۇ دەم ئىرىدى بۇ تەن مۇھەببەتلىك جاۋابىڭدىن.
رىزا ئەيلەپ ئىجادىڭدىن *«ئانا يۇرت» كۈلدى ئەجرىڭدىن،
تۇرار*«ئوتلۇق كېچە»چاقناپ،گويا يۇلتۇز نىگاھىڭدىن.
ئۇلۇغلۇقنى تاپار ئىنسان،ئەجىر-مېھنەتتە،پاكلىقتا،
راۋان بولغاي يولۇڭ ھەردەم گۈزەل ئارزۇ-قارارىڭدىن.
سەير ئەتسەم سەنئەت گۈلشەنىنىڭ ھەغدا قىزىكەنسەن،
ئۇرۇپ بۇلبۇل كەبئى خەندان كۈلۈپ ئۆتكەن باھارىڭدىن.
ناۋا قىلساڭ بولۇپ تەڭكەش ***«ھەسەن-ھۈسەن» جۇلاسى بار
نىسىپ بولغاي ساڭا ئاتەش نەپەسلەر دىل ئارامىڭدىن.
2011-يىل 17-سىنتەبىر
*قوش تىرناققا ئېلىنغانلىرى: پەخىرلىك ناخشىچىمىز،كومپۇزىتور سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ئىجادىيەتلىرى ۋە ئېيتقان ناخشىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
** كىلاسسىك شائىر مەشرەپنى كۆرسىتىدۇ.
*** ھەسەنجان تۇرسۇن ۋە ھۈسەنجان تۇرسۇنلارنى دېمەكچى.
ئاپتور : ئەمەتجان يۈسۈپ
(قەشقەر يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبەبازار ئوتتۇرا مەكتەپتە)
تېلفۇن: 13899141090
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەمەتجان يۈسۈپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-23 13:42