نە قىلاي؟
دىلبىرىم سەنسىز ھاياتنى نە قىلاي،
سۆيمىسەم مەڭزىڭ، ناۋاتنى نە قىلاي،
بولمىساڭ، مەن كۆك تامان قىلسام سەپەر،
بىكېرەكتۇر- جۈپ قاناتنى نە قىلاي؟
جىلمىيىپ تۇرساڭ كۈلۈپ گۇلباغ ئارا،
گۈل دېگەن «پارچە-پۇرات»نى نە قىلاي؟
بىنەزەر ھىجران چۆلىگە پالىساڭ،
ئۇچرىسا گەر، تىلسىماتنى نە قىلاي؟
ئالمىسام يارىم سېنىڭدىن بىر ئۇچۇر،
سېنى دەپ قىلغان جىھاتنى نەقىلاي؟
سېزىمەن ئۆزۈمنى سەنسىز بىر غېرىب،
سەرۋىدەك قامەت-سۇباتنى نە قىلاي؟
كەلمىسە رەھمىڭ مۇھەممەتكە ئەگەر،
سەۋدايى بولسام ئۇياتنى نە قىلاي؟
سەندەدۇر
ئەي جانان پىكرۇ-خىيالىم سەندەدۇر،
بىلىمەن، بەختۇ-ۋىسالىم سەندەدۇر،
كېچىلەر بىدارىمەن ئۇيقۇ ھارام،
بىئىلاجمەن،بار ئامالىم سەندەدۇر.
قاپلىدى قەلبىم بېغىنى جۇت-سوغۇق،
ئىللىتار پەسلى باھارىم سەندەدۇر!
مېھنىتىمدىن باغنى پەرۋىش ئەيلىسەم،
ئوخشىغان ئالما-ئانارىم سەندەدۇر.
قويدى ئىشقىڭ بۇ ۋۇجۇدنى مەست قىلىپ،
مەلھىمى دورا-داۋايىم سەندەدۇر.
تاشلىما ھىجرانغا مۇھەممەتنى سەن،
كەلگىنە،كۆڭۈل ئارامىم سەندەدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇھەممەدتوختى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 22:10