كىملەر
ئابلەت مۇھەممەت كۈيزار
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردى كىملەر شاد ؟
قۇياشنىڭ نۇرىغا چۈمدى كىملەرشاد ؟
ئازابلار ئىلكىدە پۇچۇلسا يۈرەك،
باھارنىڭ قوينىدا يۈردى كىملەر شاد ؟
دەريانىڭ سۇلىرى تاشماي ئاقامدۇ،
تۈن- كېچە چولپانلار سىزگە باقامدۇ.
بىر ناننى تەڭ يېگەن، تەڭ يېگەن بىلەن،
سۆيۈنىڭ تارىنى چەكتى كىملەر شاد ؟
يېقىملىق سايرايدۇ باغدىكى بۇلبۇل،
مۇھەببەت يۈرەكنى قىلمايدۇ جۇل- جۇل.
سىرداشلار ئۆز- ئارا قالسا ياتلىشىپ،
ئۈمىدنىڭ بېغىغا كەلدى كىملەر شاد ؟
2012- 6- 27
كونا تېكىسىتلەر
يول
پاكلىق بولسا قاندا، جېنىڭدا،
قىسمەت تۇراپ تۇرماس يېنىڭدا.
تۇلۇنئايمۇ قىلار تەبەسسۇم،
گۈللەر پۇراق چاچسا ئىزىڭدا.
سامادىمۇ، تاغلاردىمۇ يول،
تۇتاش بولسا يۈرەككە يۈرەك.
ئۈمىد بىلەن چۆلدىن ئاتلايدۇ،
بۈيۈك مەنزىل ئىشقىدا ئەركەك.
قۇياش باقار مەيۈس پەرىشان،
ئۆز يولۇڭدا كەزمىسەڭ چاپسان.
باھادىرلىق__ توغراقتىكى سۈر،
يول بولمىسا يوقايدۇ ئارمان!
قاردىكى جۇدالىق
باغلاپ ساڭا تۇنجى ئەقىدە،
يۈرىكىمنى بەرگەنتىم نىگار.
مەن يېگانە قار باسقان يولدا،
ئاق چېچەكتەك كەزدىم ئىنتىزار.
سەن يېنىمدا كۈلگەندە خۇشال،
سەزگەن ئىدىم ئۆزۈمنى ئەركەك.
بۈگۈن قاردا ئايرىلىپ سەندىن،
جۇدالىقتا ئىزىلدى يۈرەك.
سېنى قانداق ئۇنتۇپ كېتەرمەن،
بەخىتسىزلىك بولدى ماڭا يار.
يۈرىكىمدە سۆيگۈ ئازابى،
بىۋاپالىق قىلدى مېنى خار.
ئوتلۇق سالام
سالام يۇرتۇم سالام ئەزىزلەر،
بارچە دىلدىن ئېھتىرام تازىم.
ئەسلەپ دائىم باھارنى يىللار،
ھايات يەنە مەڭگۈلۈك يازىم.
سالام قۇياش ئاي ۋە يۇلتۇزلار،
سالامىمدا بار بۈيۈك تىلەك.
توپا يوللار توپا چىرايلار،
سىلەردە بار مېھىرلىك يۈرەك.
سالام بوۋا، ئەسسالام موما،
سىلەر تارىخ بىزگە يادنامە.
ئات ئۈستىدە باھادىر ئەركەك،
ئۆلۈمنىمۇ سۆيەر مەردانە.
قايتارما؛
سالام يۇرتۇم سالام ئۇيغۇرۇم،
سىلەر دېگەن سۇلتانلار نەسلى.
ھايات ئىللىق كۈلۈپ باقمايدۇ،
ئۇنتۇلغاندا ئادەملەر ئەسلى.
ئەركەك كۈيى
ياشار ئادەم ئۈمىد ئىچىدە،
ئۈمىدۋاردا مېھىرلىك يۈرەك.
دەرت ھەسرەتتە خورىسا ھايات،
ياش تۆكمەيدۇ ۋىجدانلىق ئەركەك.
سۆيگۈ دېگەن يېقىملىق ناخشا،
ھەممە ئېيتار ئۆز ئاۋازىدا.
ۋىسال چەكسە بەخىت تارىنى،
يىگىت يەنە ئەلنىڭ زارىدا.
تېنىق باردۇر ھەربىر گېياھتا،
جەم بولغاندا دىللارغا دىللار.
ئۇنتۇلسىمۇ تۈمەن مىڭ قەبرە،
مەرد ئىزىنى ئىزدەيدۇ يىللار.
2011- يىل 12- ئاينىڭ 24- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuyzar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-27 21:38