ھېيت ناۋاسى
ئەمەتجان قۇربان
(قوش كىشىلىك)
بۇگۈن ھېيت،بۈگۈن بايرام جان دوستلار،
بارچە دىلدا شاتلىق-قاينام جان دوستلار
ئاتا-ئانا ،قېرىنداشلار-يارەنلەر،
ھەم داستىخان،ھەمسۆبەتتە شات كۈلەر.
بۇ ئايەمدە تۈگەر يۈرەك ياراسى،
ئايەم دىگەن شۇ يارىنىڭ داۋاسى.
نۇسرىتىدىن كۈلگەن قوۋناق ئالەم بۇ،
بۇ ئالەمگە مەڭدەك ياراشقان ئايەم بۇ.
دىلدا ئاقسۇن مېھىر-شەپقەت دەرياسى،
كۆككە يەتسۇن ئۆم-ئىناقلىق ناۋاسى.
سىر- تۈگۈنلەر يۇيۇلسۇن بۇ ئايەمدە،
ئۇلۇغ خېسلەت ئەپۇ قىلىش- ئادەمگە
IP:خاتىرلەندى 2011-8-30 14:53:30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا urghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-30 01:39