دۇنيا كۈلەر بالىلار كۈلسە
بالىلارغا بەخت يار بولسۇن،
قەلبى چوغدەك نۇرلاغا تولسۇن،
كۈلسۇن ئۇلار، تېلىقىپ كۈلسۇن،
دۇنيا كۈلەر بالىلار كۈلسە.
تاڭلىرىنى باسمىسۇن زۈلمەت،
يىراق بولسۇن بېشىدىن كۈلپەت،
قايغۇ ئاڭا بولمىسۇن ئۈلپەت،
دۇنيا كۈلەر بالىلار كۈلسە.
سۆيگۈ ئاقسۇن ئېرىقلىرىدىن،
گۈللەر ئۈنسۇن تېرىقلىرىدىن،
دىل ئۆرتىنەر سېرىقلىرىدىن،
دۇنيا كۈلەر بالىلار كۈلسە.
ئامان بولسۇن ئالدامچىلاردىن،
يىراق تۇرسۇن يالغانچىلاردىن،
بوپ قالمىسۇن ئاق نانچىلاردىن،
دۇنيا كۈلەر بالىلار كۈلسە.
سايە بولسۇن سۆيگۈ دەرىخى،
تايدەك چاپچىپ تۇرسۇن يۈرىكى،
چېچەك ئاچسۇن ئارزۇ-تىلىكى،
دۇنيا كۈلەر بالىلار كۈلسە.
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى
ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە چىلان يېزا مەركىزى مەكتەپ
18997665818
15609975818
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەرداھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 00:42