بالىلىرىم
تەشۋىش – مېنىڭ ئۆمرۈم
ئۆمرۈمدە ئولتۇرغانچە چىنلىققا ئۆرلەيدىغان بالام
قەلبىمدۇر.
تەشۋىش – مېنىڭ ئۆمرۈم
ئۆمرۈمدە ئولتۇرغانچە چىنلىققا ئۆرلەيدىغان بالام
ئويۇمدۇر.
بالىلىرىم مېنى چىنلىق دەپ تونۇشقاندا
بىر – بىرسىدىن مىراس تالىشىدۇ.
بىرى، ئۆلۈمنى خالىسا
بىرى، ھايات قالىدۇ.
بىرى، ياشاشنى ئىستىسە
بىرى، ئۆلۈمدە مېنى ئىزدەيدۇ...
بىراق،
ئۆزىگە مىراس قېلىشنى ئېستەيدىغان بىرمۇ بالام يوق!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوزلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 20:38