كېلىدىغىنىڭنىڭ سۆزلىرى
ئولتۇرىمەن
مەمنۇنىيەت قەدەھلىرىنى غەمگە تولدۇرۇپ
كېلىشىڭنى خىيال قىلغانچە
تورۇسلارغا ئېسىمنى ئېسىپ
كېلىدىغىنىڭدا
گۈللەردەك ئالقىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتسا يۈرىكىم ئورنىدىن قوزغىلىدۇ
تومۇرۇمدا ئىنتىزارلىق ئېقىنلىرى تولۇپ ئاقىدۇ
ئەي، سېنىڭ كېلىدىغىنىڭ
گويا تەشۋىش قۇتىسىنى لىق تولدۇرۇپ ماڭا سۇنىۋاتقان مەۋھۇملۇق ئىدى
شۇنداقلا، كۆزلىرىڭدە ئاۋۋال سېھىرلىك ئالمىنى ماڭا سۇنىۋاتقىنى مەۋھۇملۇق ئىدى
كۆزلىرىڭدە كېلىدىغىنى
چىدىغىلى بولمايدىغان سېغىنىش پېئىللىرىنىڭ مەۋھۇملۇقى ئىدى
ئەي، سېنىڭ كېلىدىغىنىڭ
بەئەينى بىر قېتىملىق مۇھەببەت ئوۋچىلىقىنىڭ قىيامى ئىدى
كېلىدىغىنىڭدا
گۈللۈك زەنجىرلەنگەن ئوڭ پۇتۇڭ بوسۇغىنى ئاتلىسا مەمنۇنىيىتىم ئاخىرلىشىدۇ
گويا بوسۇغىسىمان ئوڭ پۇتۇڭنىڭ مەمنۇنىيىتى باشلانغاندەكلا
ئايىغىڭدا كېلىدىغىنى
چىدىغىلى بولمايدىغان زۇلمەتلىك كەچمىشنىڭ شېرىن قىيامى ئىدى
شۇنداقلا، بۇلۇتلارغا ئوخشايدىغان بىر جۈپ كۆكسۈڭدە مەمنۇنىيىتىم قايتا باشلىنىدۇ
كېلىدىغىنىڭ گويا قايتىلانغاندەك
لەۋلىرىڭ، قىزىل ۋە ماڭا بوش ئېچىلغان ئاشۇ لەۋلىرىڭ
ئاراسىدىكى تىل بوشلۇقىدا تىترەپ تۇرغىنى كېلىدىغىنىڭنىڭ سۆزلىرى ئىدى
كېلىدىغىنىڭ قايتىلانغاندەك
ئايسىمان قۇچىقىڭدا، قۇچىقىڭنىڭ بوشلۇقىدا قايتىلانغىنى كېلىدىغىنىڭنىڭ سۆزلىرى ئىدى
ئەي، كېلىدىغىنىڭنىڭ سۆزلىرى
بەئەينى تىترەۋاتقان تىل ئوكيانىدىكى دولقۇنلارنىڭ بىر –بىرسىگە بوش ئۇرۇنۇشلىرى ۋە بىر – بىرسىنى قوغداۋاتقان ئۆلۈم، ھاياتلىق قۇشلىرى ئىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوزلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 02:46