بوزلان يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 17:00
روھزات،
ئىنكاسىڭىزدىن ئەدەبىيات ئاسپىرانتى ئىكەن ...
توغرا، ئەلۋەتتە ئوچۇق بوغۇم ئاخىرىدىكى "ئە " تاۋۇشى ئاجىزلىشىدىغان قائىدە بار، ئەمما بۇ قسمەنلىك.
سىزنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئاددىي ئۆتكەن زامان ۋاستىسىز بايان مەيلىگە تەۋە. ئەمما سىزنىڭ "سۆزلەۋاتقان" مەنىسىدىكى سۆزىڭىز "-ۋات"لىق سۈپەتداشقا تەۋە. قانداقمۇ ئىككىسىنى بىر قائىدە بىلەن سۆزلىگىلى بولسۇن. ۋاقتىڭىز يەتسە، خەمىت تۆمۈر تۈزگەن "ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى" دېگەن كىتاب بىلەن ئۆزىڭىز ئېيتقان ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇرېھىم راخمانلار تۈزگەن "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى" دېگەن كىتابنى تەپسىلىي كۆرۈڭ.
1. سۈپەتداشلار شەكلى ۋە رولىغا قاراپ "-غان"لىق سۈپەتداش......"-ۋاتقانلىق" سۈپەتداش قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
"-ۋاتقان"لىق سۈپەتداش پېئىل ئۆزىكىگە "-ۋات، -ىۋات، -ۈۋات" قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ. سۆزلە پېئىلى ئوچۇق بوغۇم بولغاچقا، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە قوشۇلىدۇ(ۋات). شۇنىڭ بىلەن ئېنىقلا "سۆزلەۋاتقان" بولىدۇ.
2.بۇ شەكىل يەنە ئوبيېكتىپ مۆلچەر ۋە سۇبيېكتىپ مۆلچەر بايان مەيلىدىمۇ ئۇچرايدۇ. نەقىل قىلىنغان كىتابنىڭ 1748-،1749-بەتلىرىگە قاراڭ. يەنە ئىشەنمىسىڭىز ئىملا لۇغىتىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىغا قاراڭ.
3."سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتقان ياكى داۋاملىشىۋاتقان.....
م: ئۇ تېخى
ئىشلەۋاتقان بولسا كېرەك. (1749-بەت، ھ ز ئۇ ت)
دېمەك يۇقىرىقى دەلىللەردىن سىزنىڭ "ئە" تاۋۇشى "ئى" غا ئاجىزلىشىدۇ دېگەن قائىدىڭىزنىڭ بۇ بىرىكمىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بۇنىڭغا قايىل بولمىسىڭىز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېگەن كىتابنى قايتا تۈزسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 09:36