كۆرۈش: 7122|ئىنكاس: 173

بوزلان: سۆزلەيدىغانلىرىدىن ۋە سۆزلىنىدىغانلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 11:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مېنى سۆزلىۋاتقان ئۇرۇق



بېشىڭ بىلەن قۇشۇمنى

ئۈركۈتتۈڭ، خىيالىم سۆزنىڭ ئىچىدە گۈل.

لەۋلىرىڭ توزغاق، ئۇچراشقان چوققىلارنىڭ بىرسىدە گۈل.

بېشىڭ بىلەن گۈلۈمنى

ئۈزدۈڭ، قارايغان جاراھەت

كۆزلىرىڭ ئىچىدىكى ھەۋەس كۆزلىرىڭ ئارىسىدىكى جاراھەتتىن ئۇزۇقلىنار!

- مانا بۇ مېنى سۆزلىۋاتقان ئۇرۇق!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوزلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 11:19  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 11:31:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



روھىمىزنى سۆزلىۋاتقان ئۇرۇق



چۈشلەرگە يېقىن بىر يەردە ئولتۇرۇپ

روھىمىزنى سۆزلىدۇق، ھاۋادىن كېيىن شەيتان، شەيتاندىن كېيىن شامال،

شامالدىن كېيىن سەھەر، ئاندىن سۇغا تور تاشلىغان بېلىقچى

- مانا بۇلار روھىمىزنى سۆزلىۋاتقان ئۇرۇق!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوزلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 11:33  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 11:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مېنى دار سۆزلىۋاتىدۇ



بىر تۇلپار ھاياتىمنى ئېلىپ كەتتى

كىشنىگەن چوققىلارغا

- مانا بۇ مېنى سۆزلىۋاتقان دار!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوزلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 11:45  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 151
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرزادە مېنى بوزلانكەنسىز دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈپ جىق سۆزلەرنى قىلىۋالدى . باشقىلارغا بوزلاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن .
لېكىن بۇ يەردە شۇ سۆزنى قىلىۋالغۇم بار ، يېزىڭلار ، داۋاملىق يېزىڭلار ...خەلق چۈشەنگىدەك يېزىڭلار . بولمىسا يازغىنىڭلار يەنىلا نۆلگە ھىساپ !
ئەگەر سىلەرنىڭ ئاداققى مەقسىتىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بولسا باشقىچە پىكرىم يوق .
ئەگەر سىلەرنىڭ مەقسىدىڭلار خەلق ئۈچۈن بولسا يەنىلا دەيدىغىنىم بۇ يازغىنىڭلار نۆلگە ھىساپ .
ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەر ئوقۇغاندىن روزى سايىت ئاكىنىڭ ‹دېھقان بولماق تەس› دىگەن شېئىرىنى تۇتىيا قىلىپ كۆزۈمگە سۈرتىمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 241
تۆھپە : 2
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بوزلان، شئىرنىڭ قېلىپلىرىنى بايقۇت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تىل قائىدىسىدىنمۇ ۋاز كېچىشنى ئويلىشىۋاتمايدىغانسىز؟! «سۆزلىۋاتقان» دېگەن قۇرۇلما مورفولوگىيە جەھەتتىن بولسۇن ياكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش جەھەتتىن بولسۇن پەقەتلا قۇرۇلالمايدۇ. بۇنىڭدىكى خاتالىقمۇ ياكى سىز ياراتقان يېڭىلىقمۇ؟!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  294
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 231
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلان خەلق ئۈچۈن شېئىر يازالمايدۇ جۇمۇ...

پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ،
ئۇن تارتامدۇ ئادەمدە؟
ئەلەمنىڭ داغلىرى قالدى،
چاي ئىچكەن پىيالەمدە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:23:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



قوشماق تاش



مەخپىي ھالدا ئۇچرىشىمىز

ئورنۇمىزنى كېچىدىكى كېمىلەرگە قالدۇرۇپ

بۇلۇتلارغا ئۆرلەيمىز.

كۆزىمىز ئارىسىغا قوشماق تاش بۇلدۇقلاپ تۆكۈلگىچە

سۆزدە بولىمىز

تاشنىڭ سۈركىلىشىدىن باشقا ھاياتلىق يوق...


ئۆلۈم - كېمىدە بىزنى ساقلايدىغان ئەسلىمە

مانا مۇشۇ ئەسلىمە ئارقىلىق تاشنىڭ سۈركىلىشىنى خاتىرىلەيمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوزلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 12:23  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 579
تۆھپە : 4
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:33:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز كۆڭلىچە ئۇسلۇپ ياراتتىم يىڭلىق ياراتتىم دەپ قارايدۇ بۇلار . ئامما يازغان نەرسىسىنى ئۆزدىن باشقا ئادەم چۇشەنمەيدۇ (بەلكىم ئۆزمۇ چۇشەنمەس ) .  بىر كۈنلەردە چۇقۇم  ھەجەپ قىپتىكەنمەن  دەيدىغان چاغلىرمۇ كىلدۇ تېخى . نەدىكى پەلپەتىش بىر نىملەرنى شىئېىر دەپ كۇتۇرۇپ يۇرگىچە سىڭگەن نىنى يىسە بۇلدۇ .

باشقۇرغۇچىلار كۆرمەيۋاتقان ئوخشايدۇ ، ئىكراندىكى خنچە ئىسملارنى

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  299
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 78
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 13:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلاننىڭ ئاسپىرانلىقتا ئوقۇشتىكى مەخسىدى ئەشۇنداق چۈشىنىكسىز  بىرنىمىلەرنىيېزىپ توربەتلەردە  بازارغا سېلىپ يۈرۈشمىدۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ensak،


ئاسپىرانتلىقتا ئۇنداق «چۈشىنىكسىز بىر نېمىلەرنى بازارغا سېلىش» ھەققىدە تەلىم بەرمەيدىكەن، ئاسپىرانتلىقتا «چۈشىنىشلىك بىر نېمىلەر»نى يەنە چۈشەندۈرۈپ، بىلىمنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. «چۈشىنىكسىز نەرسىلەرنى بازارغا سېلىش» ئويۇم يوق، شۇنداقلا سىزنىڭمۇ چۈشىنەلمەسلىك ئويىڭىز يوققۇ - دەيمەن؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  141
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:51:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتتىكى ئەركىنلىكنى مۇشۇنداق ئالا-جوقا سۆزلەپ خورىتىۋاتقانلارغا ئىچىم ئاغرىدۇ. ھەي ئېسىت...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  299
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 78
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 16:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى دار سۆزلىۋاتىدۇ

بوزلان ئىنىم ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ  سۆزلەرنى تۈرلەش قائىدىسىدە ئۆزگۈرۈش بولغان ئوخشىمامدۇ
سۆزلىۋاتدۇ دىگەن قانداق تۈرلەش، بىلىپ باقساق بولامدۇ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 760
تۆھپە : 7
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 22:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ « چۈشىنىكسىز » نەرسىدىن « چۈشىنىش » ھاسىل قىلىۋاتقانلار ، ياكى بولمىسۇن ئاشۇ « چۈشىنىشلىك » نەرسىدىن « چۈشىنىكسىزلىك » ھاسىل قىلىۋاتقانلار  ۋەياكى ئاشۇ « چۈشىنىشلىك ياكى چۈشىنىكسىزلىكنى » پەرىق قىلالمايۋاتقانلار بولسۇن ھەممىسى بىر مەنزىل ئۈچۈن تىرىشقىچىلاردۇر . بىراق كىم مەنزىلگە بارالايدۇ كىم بارالمايدۇ ، كىم مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ كىم قازىنالمايدۇ بۇنىڭغا يەنىلا دەۋىر باھا بېرىدۇ .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 21:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ensak،

تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان مىجەزىڭنى تاشلىماپسەن، بۇرادەر! مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى[ «ئا، ئە » بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بۇغۇملۇق ۋە كۆپ بۇغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلىشى ] دېگەن مەزمۇنلاردىن بىر شىڭگىل يوللىۋەتسەڭ بولمىدىمۇ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  236
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 268
تۆھپە : 1
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 22:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش