شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنى بىلەمسىز |
مەنبە: baike.baidu.com
2011-08-18 01:38
شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى بولسا 2005-يىلى 12-ئايدا پۈتۈپ چىققان بولۇپ،ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايوندىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ،تېخنىكا ۋە ئىقتىدار سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ،قول ھۈنىرى جەھەتتە جۇڭگودىن ئېشىپ ئاسىيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيىگە يەتتى .بۇ قۇرۇلۇش بولسا 5تۈمەن كىشىلىك تاماشىبىن سىغىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى ،7000كىشىدىن ئارتۇق تاماشىبىن سىغدىغان تەنتەربىيە سارىيى ،يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانى ،پۇتبول مەشىق مەيدانى ،ۋە ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن.بۇ مەيداندا 2006-يىللىق دۇنيا قىزلار تىكتاك توپ مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلگەن. شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى بەش ئۆلكە ئىچىدە ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەركىزى بولۇپلا قالماي ،بەلكى شىنجاڭدىكى پۈتۈن خەلق ساغلاملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مەركەزنىڭ قۇرۇلما جەھەتتە بولسا ئاسىيادا ئالدىنقى ئورۇندا .تەنتەربىيە سارىيى بولسا يەر ئاستى بىر قەۋەت ،ئۈستى تەرىپى ئۈچ قەۋەت بولۇپ ،مۇسابىقە ئورنى بولسا خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكەن .ئېگىزلىكى 35مېتىر بولۇپ ،بۇ خەلقئارادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەملىك ساراي .بۇ سارايدا خەلقئارا گىمناستىكا ،ۋاسكېتبول قاتارلىق بارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.سەككىز چوڭ ،ئوتتۇرا ،كىچىك مەجلىسخانا ،ھەمدە تۆت خىل تىلدا ئاڭلىتىشقا بولىدىغان ئاڭلىتىش ئۆيى بار. شىنجاڭ تەنتەربىيە سارىيى بولسا بىرىنچى دەرىجىلىك تەنتەربىيە ساراي بولۇپ ئەنگە ئېلىنغان.



[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/19 10:41:10 ئۇقۇلۇشى: 132 قېتىم] |
|