سىز ئىككى تال تىلى بار ئايالنى كۆرۈپ باققانىمىدىڭىز |
فرانسىيە پايتەختى پاراژدا تۇرۇشلۇق ئاننا بۇ يىل 34 ياش بولۇپ، سىرتتىن قارىغاندا ئادەتتىكى كىشىلەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، بىر تال ئېغىزى بار بۇ ئايالنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئىككى تال تىلى بولۇپ، تۇغۇلىشىدىنلا ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى فرانسىيىلىك، ئاپىسى ئامېرىكىلىق بولۇپ، دادىسى ۋە ئاپىسىنىڭ تەسىرىدە ئېنگىلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلىنى سۆزلىيەلەيدىكەن. كىچىكىدە ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى ئىنىق ئەمەس بولغاچقا، گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان جىمغۇر، ھەتتا كۈلۈشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە تىلى سەۋەنلىك ئۆلۈپ قىلىىشتىن ئىنتايىن قورققان. لېكىن، چوڭ بولغانسىرى گەپلىرى ئېنىق چىقىدىغان ھالەتكە يەتكەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى، ئۇ يەنە ئىككى تىلىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېنگىلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلى سۆزلىيەلەيدىغان بولغان. ئۇنىڭ ھازىرقى ئارزۇيى پارىژدىكى سېستىرالىق خىزمىتىنى تاشلاپ، ب د ت ( بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ) دا تەرجىمان بولۇش ئىكەن.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/17 11:03:41 ئۇقۇلۇشى: 338 قېتىم] |
|