مارادونانىڭ كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى |
مارادونا ئال ۋاسىل كوماندىسىغا تېرىنىر بولۇپ 122 كۈندىن كىيىن،مارادونا نىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بۇ كوماندا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى كۈتۈۋالدى.گەرچە ئالدىنقى يىرىم مەيداندا ئال ۋاسىل كوماندىسى 1-3 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان بولسىمۇ ،لېكىن كېيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئال ۋاسىل كوماندىسى مارادونا نىڭ توغرا يېتەكلىشى بىلەن قاتتىق تىركىشىپ نەتىجىنى 3-3 قىلىپ تەڭلەشتۈرۈۋالدى.ھەممە ئادەم بۇ مەيدان مۇسابىقىنى 3-3 نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىدۇ دەپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا قارشى تەرەپ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4-3قىلىپ ئۆزگەرتتى.مارادونانىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشتى.مەيداننىڭ يان تەرىپىدە خىيالغا چۆككەن مارادونانىڭ قىياپىتىدىن ئۇ خۇددى "ئەگەر مەن مەيدانغا چۈشەلىگەن بولسام ھەرگىز ئۇنداق بولمايتتى ."دېگەندەك قىلىپ تۇراتتى. مەنبە: www.news365.com.cn
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-17 11:01:49 ئۇقۇلۇشى: 193 قېتىم] |
|