ئاتۇش بىلەن پەيزىۋاتنىڭ چېگىراسىدا 5.8 بال يەر تەۋرىدى |
جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش پونكىتىنىڭ بېكىتكىنىدە بېيجىڭ ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18دىن 6تە مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ چېگرسىدە 5.8 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 8 كېلومېتىر بولدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى ۋە ئەتىراپتىكى خوتەن قاتارلىق جايلاردا يەر تەۋرەشكە نىسپەتەن روشەن سېزىم بولدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/12 12:52:30 ئۇقۇلۇشى: 439 قېتىم] |
|