يېقىندا، خەينەن ئۆلكىسى ئەمگەك كاپالىتى قانۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن 4128 نى تەكشۈرۈپ چىقىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 81 مىليون 970 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ كېلىشىگە ياردەملەشتى.
خەينەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ خۇەنمىڭ مۇنداق دېدى: خەينەن ئۆلكىسى ئەمگەك كاپالىتىنى مەمۇرى تەپتىش قىلىش قانۇنى تۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. ئالدى بىلەن «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئەمگەك كاپالىتىنى مەمۇرى تەپتىش قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە» نى تۈزۈپ چىقىپ، خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن تۈزۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى يەرلىك قانۇن بەلگىلىمىگە كىرگۈزدى، ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرەپ بەرمەسلىك، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش مەنبەسىدىن تىزگىنلىدى ۋە بۇنداق قىلمىشلارنىڭ ئالدى ئېلىندى؛ ئەمگەك ھەق تەلەپ ئىشلىرى ماجىرالىرى ھەققىدە كېسىم چىقىرىشنى ئۆزىگە قاراشلىق دائىرە ئىچىدە تەڭشەپ، دېلولارنى قاراپ چىقىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.