ئافغانىستاندىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە تالىبانلار مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى |
شىنخۇا ئاگېتنلىقى بېيىجىڭ 8- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى: ئافغانىستان زۇڭتوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 6- ئاۋغۇسىت ئىسپاتلىشىچە، بىر ش ئا ئە ت نىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئافغانىستاننىڭ ۋاداك ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كېتىپ 38 ئادەم قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 31 نەپىرى ئامېرىكا ئەسكىرى ، يەتتە نەپىرى ئافغانىستان ئەسكىرى ئىكەن. تالىبانلار ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان زوڭتۇڭ ئىشخانىسى 6- ئاۋغۇسىت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«زۇڭتوڭ كارزائىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان 38 نەپەر ئەسكەرئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى».بۇ ياناتاتتا يەنە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ھال سورىغان. ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا، بۇ ش ئا ئە ت نىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى 5- ئاۋغۇسىت كېچىدە ۋارداك ئۆلكىسى سەئىدئاباد رايونىدا تالىبانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن. ئافغانىستان باقتار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغادا، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئەسى باياناتچىسى ئاچىمنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا، يەتتە نەپەر ئافغانىستان ئالاھىدە خادىمى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەرىكەتتە قازا قىلغان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئاساسلىقى ۋارداك رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنى تازىلاشنى مەقسەد قىلغان ئىكەن.بۇ 2001- يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن بۇيانقى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىچىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەڭ كۆپ قازا قىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت ئىكەن. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان تالىبانلىرى باياناتچىسى مۇجاشىد يازما بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى. بۇ تەشكىلات بۇ قېتىقى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ش ئا ئە ت نىڭ قىسمى تالىبان قوراللىق قىسمى توپلاشقان سەئىدئاباد رايونىدىكى بىر بىنانى ئوققا تۇتقان. تالىبانلار دەرھال ئۇلارغا قارشىھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئوت ئېچىپ، ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن. ۋارداك ئۆلكىسى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ساشىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بىر ‹چىنۇك› ناملىق قوش ماتورلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلان سەككىز نەپەر تالىباننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. نۆۋەتتە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى راسىتلا تالىبانلار ئېتىپ چۈشۈردىمۇيوق، تېخى ئېنىق ئەمەس. ش ئا ئە ت ۋە ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋارداك ئۆلكىسى پارلامىنتتى پارلامىنت باشلىقى جانان ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:« يەرلىك دېھقانلار بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇنسۇرلار تىك ئۇچار ئايروپىلان قايتىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان». ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ ئەمەلدارى باشقا تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. چۈنكى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى تەكشۈرۈش خىزمىتى تېخىچە قانات يايدۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، جەسەت ئايرىش ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش خىزمىتى ئەمدى باشلانغان. بۇ قېتىمقى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چىكىندۈرۈش ۋەبىخەتەرلىك قىسمىنى ئافغانىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە مۇداپىئە قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا يۈز بەردى.بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە، ئامېرىكا 10 مىڭ ئەسكىرىنى چىكىندۈرىدىكەن.2014-يىلى چىكىندۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر:
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/8 19:58:55 ئۇقۇلۇشى: 143 قېتىم] |
|