پاكىستاندىكى ئۇدا يامغۇردا 21 ئادەم قازا قىلدى |
جۇڭشن تورى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى: چەتئەل تېلېگرامما خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ 12- ئاۋغۇست ئاشكارلىشىغا قارىغاندا، يېقىندا ئۇدا يۈزبەرگەن يامغۇر پاكىستاننىڭ قىسمەن جايلىرىغا ئاپەت ئېلىپ كېلىپ، 21 ئادەم قازا قىلدى. كۆپ مىقداردىكى ئېتىز ۋە ئۆيلەر ۋەيران بولدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى سالاھيىتى سىندىھ ئۆلكىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى بولغان بىر كىشى مۇنۇلارنى دېدى:« 11- ئاۋغۇسىتتىكى سىتاستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يامغۇردا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 21 ئادەم قازا قىلغان. قازا قىلغانلارنىڭ كۆپچىلىكى يامغۇردا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ ئاستىدا قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن». ھاۋارايى ئىستانسىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھەپتىدە پاكىستاندا يەنە تېخىمۇ كۆپ يامغۇر يېغىشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى پاكىستاندا تارىختا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كەلكۈندە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار 21 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. 175 ئادەم قازا قىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-13 14:13:45 ئۇقۇلۇشى: 679 قېتىم] |
|