شىخۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ساففولك قويى يىتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلاندى |
ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىخۇ شەھىرى گاۋچۈەن بازىرىدىكى باقمىچى تۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى 100 دىن ئارتۇق ساففولك قويىنىڭ ھەممىسى، ماشىنىغا بېسىلىپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن، پەقەت مۇشۇ تۈردىلا تۇرسۇن كىرىمىنى 90 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشقان. بۇ شەھەرنىڭ زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن ساففولك قويى يېتىشتۈرۈش كەسپىنىڭ شۇ جايدىكى باقمىچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ياخشى تەرىپى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخۇ شەھىرى چارۋىلارنىڭ سورتىنى ياخشىلاش قەدىمىنى ئۈزۈلدۈرمەي تېزلەتكەن بولۇپ، يىتىشتۈرۈش، بېقىپ كۆپەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىرگەۋدىلەشكەن. 2006-يىلى، بۇ شەھەر كىرگۈزگەن 10 دانە ساففولك قويى بىلەن ساپ نەسىللىك قوچقار بىلەن نەسىللەندۈرۈش ئېلىپ بارغان، نۆۋەتتە 200 مىڭ دانە ساففولك قويى بارلىققا كەلگەن، 1000 دىن ئارتۇق نەسىللىك قوينىڭ تەرەقىيات كۆلىمى، بىردىنلا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ساففولك قويى يىتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلانغان. بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ شەھەر باقمىچىلارنى ھەر يىلى 2000 دانىدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك تۆرەلمە بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، يىتىشتۈرىدىغان باقمىچىلارنىڭ يىللىق كىرىمى كىشى بېشىغا 1250 يۈەندىن ئارتۇق ئاشقان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-18 16:27:31 ئۇقۇلۇشى: 734 قېتىم] |
|