شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۈشۈكئېيىق قېنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىندى |
18–ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىنىڭ خادىمى ئايرودۇرۇمنىڭ مال توشۇش پونكىتىدا ھېلىلا خوتەندىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن ‹‹مۈشۈكئېيىق قېنى›› نى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا
ىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 19-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: 18–ئاۋغۇست، شىنجاڭنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق 13 ۋىلايەت، ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي قان پونكىتلىرىدىن يىغىۋېلىنغان 14 مىڭ مىللىلېتىر RH مەنپىي تىپلىق قان ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىگە ئېلىپ كېلىندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، RH مەنپىي تىپلىق قاندىن 36 مىڭ مىللىلېتىر تەييارلىغان بولۇپ، يەرمەنكە مەزگىلىدە كەم ئۇچرايدىغان قان تىپىدىكى كىلىنىكا بىمارلىرىغا ئىشلىتىدىكەن. RH مەنپىي تىپلىق قان ئاز كۆرۈلىدىغان قان تىپى بولغاچقا، ‹‹مۇشۈكئېيىق قېنى›› دەپ ئاتالغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-19 19:23:09 ئۇقۇلۇشى: 138 قېتىم] |
|