جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكىغا ئىگە بولۇشى ئامېرىكىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ |

جۇڭگونىڭ تېخى پۈتمىگەن تۇنجى ئاۋىياماتكىسى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى قېتىم سىناق قىلىندى ، ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، ئاۋىياماتكا جۇڭگونىڭ پورت شەھىرى داليەندە تۇراتتى . بۇ قېتىملىق سىناق جۇڭگوغا نىسبەتەن نامايەندە ئەھمىيىتىگە ھەقىقىي ئىگە ۋەقە ھېسابلىنىدۇ . لېكىن دۇنيادا كۈچى ئەڭ قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيە چوڭ دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا ، بۇ ئىش كىشىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ خىرىس پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ .
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تەھلىل –تەتقىقات مەركىزى جۇڭگو بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى داۋىد فىنكىلىستىن : جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ئىش ئەمەس ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتنى نەزەرگە ئالغاندا تېخىمۇ شۇنداق ، ‹‹ ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكىدىن پايدىلىنىپ قانچىلىك كۈچكە ئىگە بولۇش مەسىلىسىگە ئەمەس ، بەلكى جۇڭگو ئاۋىياماتكىدىن پايدىلىنىپ قانداق مۇددىئاغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ . شۇڭا ، جۇڭگونىڭ ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلىشى ھېچ ئىش ئەمەس ، گەپ جۇڭگونىڭ مۇددىئاسىدا ›› دېدى .
ئەمەلىيەتتە ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگو ئاۋىياماتكىنى سىناق قىلىشتا ئۇچۇرنى ئاشكارىلىمىدى ، دېگەن ئىش ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى . جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرنى ئاشكارىلىماسلىقىدىن كىشىلەر : جۇڭگو ئارمىيەسى زادى نېمە قىلماقچى ، دەپ ھەر خىل پەرەزگە چۈشتى .
ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا فىلىپپىن ۋە ۋىيتنام قاتارلىق جۇڭگونىڭ قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تېرىتورىيە ماجراسىدا جۇڭگو بىلەن بولغان تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك ئىدى . ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى مۇداپىئە قىلىشىمۇ جۇڭگونىڭ مۇھىم رايون مەنپەئەتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى بېرنارد كول : جۇڭگو مۇشۇ توقۇنۇش جەريانىدا ئامېرىكىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى ئىزدىشى مۇمكىن ، ئۇلار ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىۋاستە كۈچ سىناشمايدۇ ، دېدى .
ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوۋن كوتتېرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، جۇڭگو ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن يېقىن قوشنىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىنتايىن چەكلىك نىشانىغىمۇ يېتەلمەيدىكەن . ئۇ : ‹‹تۈپ ئاساستىن ئالغاندا ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەشۇ قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىش ئىقتىدارىنى توسماقچى›› دېدى .
كوتتېر مۇنداق دېدى : ھازىر كىشىلەردە جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشنى مەقسەت قىلغان ، دەيدىغان خاتا چۈشەنچە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت . ئەمەلىيەتتە جۇڭگو ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە شەرقىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردىكى مەنپەئەتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ . شۇڭا جۇڭگو ئارمىيەسى گەرچە ھازىر ئانچە قۇدرەتلىك بولمىسىمۇ ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلىشقا قۇربى يەتمىسىمۇ ، لېكىن بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى مۇمكىن . ‹‹بىزنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي تەپتارتماستىن قىلىنغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ ، لېكىن ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، جۇڭگو ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قوغدايدىغان يەنە باشقا مەنپەئەتى بار›› .
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەسلىھەتچىسى نورمان پولمار مۇنداق دېدى : جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكا دۆلەتلىرى كۇلۇبىغا ئەزا بولۇشىغا ئەگىشىپ ، ئۇلار ئامېرىكا ، رۇسىيە ، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر سېپىگە قوشۇلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەرگە پىسخىك تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن .
مەنبە: www.xjtsnews.com
2011-08-19 04:42
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-19 19:36:59 ئۇقۇلۇشى: 500 قېتىم] |
|