سەپدىشى بىلەن بولغان جىدەلنى دەپ سىندىر مۇسابىقگە چىقمايدىغان بولدى |
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى؛ خەلقئارا مېلان كوماندىسى 8-ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن بۇيان،ئىككى كېچە بىر كۈندۈز ئۆزلىرىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن ،بېيجىڭنىڭ مۇھىتىغا كۆنۈپ قالدى.ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا مۇسابىقىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە،"مېلان تەنتەربىيە گېزىتى"بېيجىڭغا ئۇچۇش سەپىرىدە ،ئەيتۇئاۋ بىلەن سىنېيدىرنىڭ ئايروپىلاندا توقۇنۇشۇپ قالغانلىقنى ئاشكارىلىدى. خەلقئارا مېلان كوماندىسى ياشتا چوڭ يەنى مېلان يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئايروپىلان ئالدى بۆلۈمچىسىدىن ئۈچ ئورۇن سېتىۋالغان بولۇپ ،بۇ يەردە ئورۇندۇقنى تۈزلەپ ياتقىلى بۇلاتتى .بۇ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ھەم ياشتا چوڭلارغا ئاتاپ ئىلىنغان ئورۇنغا ئېيتوئاۋنىڭ قىسىلىپ كىرىۋالغانلىقى باشقا سەپداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بىرىنچى بولۇپ سىنىدىر ئاچچىقلاپ مۇنداق دەيدۇ"پەقەت ئۇ ئالدىدا ئولتۇرۇش كېرەكمۇ؟ئۇنداقتا ياخشى مەن ئۇنى تەبرىكلەيمەن،ھەپتىنىڭ ئالتىسدىكى مۇسابىقىگە ئۇ چىقسۇن،مەن ئوينىمايمەن"ئەسلىدىنلا قىلغىنى خاتا بولغان ئېيتوئاۋ "سەن ئەسلىدىنلا كەلمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى!" سىندىر قايتۇرۇپ "نېمىشقا؟" چۈنكى مەن ھامىنى يەڭدىم،ئېيتوئاۋنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان سىندىر"مەنمۇ ھەممىگە ئېرىشتىم دەيدۇ" بۇ چاغدا ئېيتۇئاۋ "شۇنداقمۇ ئەمسە سەن ئولىمپىك مېدالىڭنى كۆرسىتىپ باقە"چۈنكى ئېيتوئاۋ كامىرون كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئولىمپىك مېدالىغا ئېرىشكەن.ئەمما سىنىدىرنىڭ نەزىردە ئولىمپىك مېدالى ھېچقانچە چوڭ شەرەپ ئەمەس.سەپداشلىرىنىڭ نەسىھىتىدە ئۇلار تالاش تارتىشتىن توختاپ قالغان.مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ھەپتىنىڭ ئالتىسى كۆرىمىز سېنىدىر دېگەندەك راست مۇسابىقىگە قاتناشمامدۇ ياكى ؟
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/4 19:06:27 ئۇقۇلۇشى: 147 قېتىم] |
|