‹‹ئاققۇ كۆلى›› تاماشىبىنلارنى مەستخۇش قىلدى |
21-ئىيۇل،« ئاققۇ كۆلى» بالىتى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئوينالدى
ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى ،چايكوۋىسكىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى«ئاققۇ كۆلى» ياڭرىدى،قىپقىزىل پەردە ئاستا-ئاستا تارتىلدى، قويۇق«ئورمان»، زۇممرەتتەك«بۇلاق سۈيى»، ياۋرۇپاچە«ئوردا ئىمارىتى»... بىردىنلا تاماشىبىنلارنى شۇ مۇھىتتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېسياتقا كەلتۈردى،«ئوردا»دىكى بىر توپ دېدەك ۋە نەۋكەرلەر شوخ بالىت ئۇسسۇلىغا چۈشتى... 21-ئىيۇل، موسكۋا دۆلەتلىك«رۇس بالىتى» تىياتىر ئۆمىكىنىڭ تاماشىبىنلار كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقان بالىت ئۇسسۇلى-«ئاققۇ كۆلى» شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئوينالدى، بۇ چەت ئەل بالىت ئۇسسۇلى«ئاققۇ كۆلى»نىڭ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئوينىلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى كەچتە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى،سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسى،«1-ئاۋغۇست» تىياتىرخانىسى قاتارلىق تىياتىرخانىلاردىمۇ ئېسىل نومۇرلار ئورۇندالدى، بۇ يەنە 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىنكى يېرىم ئاي ئىچىدە، 15 دۆلەت ۋە رايونىدىن كەلگەن ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە شىنجاڭدىكى توققۇز كەسپىي ئۇسسۇل ئۆمىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقىلىق مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە 80 مەيدانغا يېقىن ئويۇن قويىدۇ. بالىت تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ خىيالىدا ئەڭ ئالدى بىلەن«ئاققۇ كۆلى»ئەكىس ئېتىدۇ. بۇ قېتىم رۇسسىيە موسكىۋا دۆلەتلىك«رۇس بالىتى» تىياتىر ئۆمىكى ئوينىغان«ئاققۇ كۆلى» روسسىيە بالىتىنىڭ ئەنئەنىسى، كەسپىيلىكى ۋە ئۆلچەملەشكەن سەنئەت شەكلىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە نەپىس ۋە گۈزەل ئۇسسۇل ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلىپ، نەق مەيداندا يەنە كۆپ كۈچ چىقاردى، ئېسىل كىيىملەر، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنداش سەنئىتى ۋە ئۆزگىچە ئىجادىيلىق تاماشىبىنلارنى گۈزەل سەنئەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك ئېستىتىك زوق ئاتا قىلدى. بالىتتىن باشقا، چايكوۋىسكىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى«ئاققۇ كۆلى»مۇ مەيداندىكى يارقىن نۇقتىلاردىن بولۇپ قالدى. مۇزىكا بالىتنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي،يەنە ئەسەرنىڭ كومىدىيە تۈسىنى قۇيۇقلاشتۇردى، توقۇنۇشلارنى گەۋدىلەندۈردى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/7/25 15:59:00 ئۇقۇلۇشى: 174 قېتىم] |
|