دۆلەت ئىچىدىكى بايلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋلىغا تاقابىل تۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتى 2700 نەپەر خىزمەتچىدىن بىر تۇتاش چاچ پاسون ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى، يەنى ئەرلەر بېشىنىڭ چوققىسىدىن باشقا جايلارنى قىسقا كەستۈرۈش، قىزلار قۇلاقنىلا يېپىپ تۇرغۇدەك چاچ قويۇش كېرەك دەپ بەلگىلەندى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ باش شىتابى توكيودا بولۇپ، يېقىندا خىزمەتچىلەرگە: «ئەرلەر چېچىنىڭ كەينى ۋە ئىككى تەرىپىنى قىسقا كەستۈرىۋېتىش، چوققىسىنى بىر ئاز ئۇزۇن قويسىمۇ مەيلى. ئاياللار بولسا بىر تۇتاش ئوماق BOB چاچ پاسونى قويۇش كېرەك» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
بۇ شىركەتتىكى بىر نەپەر ئايال خىزمەتچى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شىركەت مۇھىتنى ئاسراشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىزمۇ خىزمەتچىلەرنى مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز، ئىشىنىمەنكى، ناۋادا خىزمەتچىلەر ھەممىسى كالتە چاچ قويسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ چېچىنى قۇرۇتۇشقا كەتكەن ۋاقتى قىسقىرايدۇ، يەنى نۇرغۇن ئېنىرگىيە تېجەپ قالالايمىز، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە چاچنى يۇيۇشقا كەتكەن سۇمۇ زور دەرىجىدە تېجىلىدۇ.»