تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئوغۇللار قىزلاردىن ئۈچ ھەسسە كۆپكەن |
جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 30-كۈندىكى تېلېگراممىسى، «مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى» خەۋىرى، تايلانتتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تايلاند جىنس ئۆزگەرتىش ۋە ھەمجىسلىققتا ناھايىتى ئوچۇق بولغاچقا، جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئوغۇللار قىزلارغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە كۆپ ئىكەن. تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇم بىر خەۋىرىدە، «تايلاند ئاجىزلار خەيرى-ساخاۋەت فوندىنى كېڭەيتىش ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىسى»نىڭ مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۆلەتتىكى 50544 نەپەر كىچىك بالىلار، ئۆسمۈر بالىلار، ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە كىچىك بالىلارنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالى بەكلا ئېغىر بولغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپى تېخنىكا مەكتەپلىرى، بالىلىرى سىرتتا ئوقۇيدىغان ئائىلىلەر، كۆزىتىپ قوغدىلىدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ قىسىم بالىلارنى زىيارەت قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، بەزىدە يۈزىگە شاپىلاقلاش، تېپىش، بوينىنى سىقىش قاتارلىق خورلاش ئەھۋالىنىڭمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئۇلارنى شۇنداق قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا-ئانىسى ياكى ئوقۇتقۇچىسى شۇنداق خورلىغانىكەن. تەكشۈرۈش خادىملىرى يەنە، تايلانتتا جىنس ئۆزگەرتىش ۋە ھەمجىسلىققا بەك ئوچۇق مۇئامىلە قىلىش جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئوغۇللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىكەن. نۇرغۇن بالىلار مۇنداق ئۇرۇش، قىيناش دېگەندەك خورلۇققا ئۇچراشنى ئادەتتىكى ئىش دەپ قارىغاچقا، ئادەتتە ئەتراپىدىكى باشقا ئادەملەرگە ئېيتىپمۇ يۈرمەيدىكەن. لېكىن جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى باشقىلارغا دەي دەپمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالمايدىكەن، بولۇپمۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ سىرتتا ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىپ ئوقۇيدىغان بالىلار تېخىمۇ شۇنداقكەن. ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىدا مەسىلىدە بارلىقىنى بىلمەيدىكەن، گەرچە ياخشى نىيەتلىك بولسىمۇ، بالىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ يەنىلا بىر خىل ئائىلە زوراۋانلىقىغا كىرىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-31 9:19:30 ئۇقۇلۇشى: 1338 قېتىم] |
|