شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى باش بولۇپ تەشكىللىگەن 2011-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئېسىل يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رادىئو ئارقىلىق سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى 25-ئاۋغۇست باشلاندى.ھازىر،شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىسىنى سېتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بېيجىڭ،شاڭخەي،گۇاڭدۇڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە شەھەرنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىسى ۋە ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رادىئودا نەق مەيداندىن سېتىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ جىياۋنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى:بىزنىڭ بېيجىڭ،گۇاڭجۇ،شاڭخەي، قاتارلىق ئۈچ چوڭ سېتىش مەركىزىمىز قۇرۇلۇپ بولدى.بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەقسىتىمىز پەقەت رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق سېتىشنى تېزلىتىش.يەنى رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق شىمالى جۇڭگو،جەنۇبى جۇڭگو،شەرقى جۇڭگو،شياڭگاڭ،ئاۋمېن،شەرقى جەنۇبى ئاسىيالارغا ئۆچۈر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.2009-يىلىدىن تارتىپ،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17 ئۆلكە شەھەرلىك رادىئو ئىستانسىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ،39 مەيدان نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش بېرىپ،رايونىمىزنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازارلىرىغا ئېلىپ كىرگەن كىردى.