ئافرىقىدا 500 مىڭ بالا ئاچارچىلىقتا ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىۋاتىدىكەن |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى: «جۇڭگۇاڭ ئاخبارات تورى» نىڭ 18- ئىيۇل خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا تەخمىنەن 500 مىڭدىن ئارتۇق بالا ئاچارچىلىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىپ، ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىۋاتىدىكەن. فوندى جەمئىيەت پۈتۈن يەرشارىغا مۇراجەت قىلىپ، تېزدىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشنى مۇراجەت قىلدى. بالىلار فوندى جەمئىيىتى باياناتتا تەكىتلەپ ئىككى مىليون بالا جىددىي يېمەكلىككە مۇھتاج، كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىدى.ھازىر كىنىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىدىكى «ئافرىقا بۇلۇڭى» دەپ ئاتالغان سۇمالى يېرىم ئارىلى 60 يىلدىن بىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قۇرغاقچىلىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سومالى 20 يىلدىن ئارتۇق ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىدى. مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى خەلقنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا». نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەرقىي ئافرىقىدا ھازىر بىر مىليارد كىشى ئاچارچىلىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدىكەن. ئۇلار سۇمالىدىكى كۆچمەنلەر بولۇپلا قالماي يەنە كىنىيە،ئىفىئوپىيەدىكى كۆپلىگەن دېھقانلار ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىق ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج ئىكەن.
مەنبە: gb.cri.cn
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-19 15:55:57 ئۇقۇلۇشى: 213 قېتىم] |
|