ۋىنجۇدا پويىز سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى |
جۇڭگو رادىئو تورى ، 24 - چىسلا كەچتە ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ۋىنجۇدا يۈر بەرگەن پويىز سوقۇشۇش ۋەقەسى توغرىسدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى . ھازىرغىچە ۋەقە سەۋەپلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 ، يارىلانغانلارسانى 192 ، دوختۇرخانىدا ياتقانلارنىڭ سانى 131 . 7- ئاينىڭ 24 كۈنى ، پويىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاگونى كران ئارقىلىق ئاسما كۆۋرۈكتىن پەسكە ئېلىپ چۈشۈرۈلۈپ ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئەڭ ئاخىرقى تازىلاشنى ئېلىپ باردى . شۇ كۈنى 18 : 00 ئەتراپىدا نەق مەيداندىكى قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ قوماندانىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئاخرلىشاي دەپ قالغان ئىكەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-25 16:09:42 ئۇقۇلۇشى: 415 قېتىم] |
|