ئاچىسىنىڭ دېيىشىچە جىكسۇننىڭ ئۈلۈمىدە «جىن» بار ئىكەن |
جېكسوننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنى ئەسلىمەكتە
شىنلاڭ كۆڭۈل ئىچىش تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مايكول - جېكسوننىڭ ئاچىسى لا - تايا - جېكسونABC سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ « كۆرۈش نۇقتىسىدا » ، جېكسوننىڭ ئۈلۈمىگە سۈيقەست يوشۇرۇنغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، مۇررىي دوختۇر پەقەت بىر قۇربانلىق قوي دېدى . موررىي دوختۇرنىڭ ئەنزىسى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سوت ئېچىلىپ ، « دوختۇر جان ئېلىش خۇسۇسىيىتى بار بولغان مەست قىلىش دورىسى ( Propofol ) نى جېسوننىڭ ئىشلىتىشىنى ئېيتقان » دەپ ئەيىپلەندى . ئەگەر ئەيىپلەش كۈچكە ئىگە بولسا «سەۋەنلىك ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن . لا - تايا - جېسون (La Toya Jackson) زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ، «مايكول - جېكسون ئۆزى دورا ئىشلىتىپ ئۆلگەن » دەيدىغانلارنى ئاشكارا ئەيىپلەپ ، بۇنىڭ ئىنتايىن قاملاشمىغان باھانە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . ئۇ : « مەن نۇرغۇن دوختۇرلاردىن سۈرۈشتە قىلدىم ، بىر ئادەم بۇنداق نۇرغۇن Propofo نى ئۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن ، چۈنكى بۇنى ئازراق ئۇرغاندىن كىيىنلا كىشى دەرھال ئۇيقۇغا كېتىدىكەن » دېدى .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-25 16:14:19 ئۇقۇلۇشى: 1102 قېتىم] |
|