ۋاڭيى تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ئاللىبۇرۇن ئاللىبۇرۇن تور ئادرېسى مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ بولدى. مەسىلەن، Twitter نىڭ T.Co، ئۇنىڭدىن باشقا، Overstock نىڭ O.Co دېگەندەك. بۈگۈن يەنە بىر يېڭى خەۋەر كەلدى، بۇ بولسىمۇ، ئەمما گۇگېلنىڭ ئاللىبۇرۇن G.Co تور نامىنى سېتىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ تور گۇگېل مەھسۇلاتىنى تەمىنلەيدىغان ئورگان تەرەپ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ خىل مەھسۇلاتلار GMail، رەسىم ۋە ھۆججەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«Co.» تور نامىنى ئىلتىماس قىلىش ئورگىنىنىڭ ۋەكىلى مەزكۇر تور نامنىڭ باھاسىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ئەمما «Co.» نىڭ قۇرغۇچىسى جۇئان دىئېگو كاللې (Juan Diego Calle) ئالدىنقى كۈنى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان:«ئادەتتە G.Co غا ئوخشاش بۇنداق تاق تور ناملىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ».
گۇگېلنىڭ ئابونت تىجارىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش لېدىر گاري بىرىگىس ئابونتلار G.Co نى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، تور بەت ئاپتوماتىك ھالدا گۇگېل مەھسۇلاتلىرى بېتىگە ئالمىشىدۇ».
Co. بولسا كولومبىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە تور نام بولۇپ، كېيىن ئۇلار ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەنىكەن. كولومبىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر تور نامدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى بۇ تور نامنى قۇلۇپلىۋېتىشنى نىشان قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما، مەزكۇر تور نام توردا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ تور نامنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ تور نام ئاساسلىقى نۇرغۇنلىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئېلان تىجارىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، گۇگېل پەرىشتە فوندى 500 Startups نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كۈز پەسلىدىن باشلاپ، بۇ خىل تور نامىنى ئىشلىتىشكە باشلاپ، ئىلگىرىكى 500Startups.com تور نامىنى بىراقلا بۇ تور نامغا يۆتكىگەن.