ياۋمىڭ NBA دىكى توققۇز يىللىق ھاياتىدا ئىككى مىليارد كىرىم قىلدى |
2022- يىلى NBA گە ئاتلانغاندىن تاكى 2010- يىلىغىچە، ھەر يىلى فۇبۇستا كۆرسىتىلىدىغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلار بىرلەشتۈرۈلسە،ياۋمىڭنىڭ توققۇز يىلدىن بىرى يىغىلغان كىرىمى ئىككى مىليارد خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.كەلگۈسىدە ئۇ نېمىنى ئاساسلىق كەسىپ قىلىپ تاللىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ خىل «پۇل سۈمۈرۈش» ئىقتىدارى ياۋمىڭنىڭ داۋاملىق غەلىبە قازىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ياۋ خوجايىننىڭ «پۇل يولى» ھىلىمۇ نۇرلۇق ياۋمىڭ 2002- يىلى NBA كىرىشكە باشلىغان.بىراق فۇبۇستا جۇڭگودىكى داڭلىق كىشىلەر نامزاتىغا ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ سانلىق مەلۇماتلىرى ئىستاستىكىلىنىشقا باشلىدى.مۇخبىر 2003- يىلىدىن بۇيانقى فۇبۇستىكى جۇڭگولۇق داڭلىق كىشىلەر نامزاتىنى ۋاراقلاپ چىقتى. 2003- يىلىدىكى فۇبۇس جۇڭگودىكى داڭلىق كىشىلەر نامزاتىدا NBA دىكى چولپان ياۋمىڭ 120 مىليون بىلەن لى ليەنجى( 140 مىليون )دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا تېزىلدى. 2004- يىلىدىن باشلاپ 2011- يىلىغىچە فۇبۇستىكى جۇڭگودىكى داڭلىق كىشىلەر نامزاتىدا ياۋمىڭ ئۇدا سەككىز يىل ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى. 2004- يىلى 150 مىليون، 2005- يىلى 150 مىليون يۈەن، 2006- يىلى 170 مىليون يۈەن، 2007- يىلى 260 مىليون يۈەن، 2008- يىلى 387 مىليون يۈەن، 2009- يىلى 357 مىليون يۈەن، كېيىن 2010- يىلى فۇبۇستىكى جۇڭگودىكى داڭلىق كىشىلەر نامزاتىغا ياۋمىڭ 250 مىليون بىلەن كىردى.2010- يىلى ياۋمىڭ يارىلانغاچقا،پۈتۈن قىش پەسىللىك مۇسابىقىگە قاتناشمىدى.2011- يىلى فۇبۇس ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا 220 مىليون يۈەن دەپ كۆرسىتىلدى.يېغىلغان پۇلنى قوشقاندا،ياۋمىڭنىڭ توققۇز يىللىق كىرىمى ئىككى مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. «خۇرۈن بايلار نامزاتى» نىڭ 2010- يىللىق ئىستاستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا ياۋمىڭنىڭ قىممىتى ئاللبۇرۇن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ توققۇز يىلدىن بىرى ئۇ ئىلگىرى ۋە ھازىر داڭلىق ماركىلاردىن تاڭشىن پېيجيەن، كرافىت،بەيشى، كېكوكولا، رۈيبۇ، نايىك، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى،جۇڭگو بىرلەشمە تېلېگرافى، ئالما كومپيۇتىرى، ماكدونالد، شىۋىتسىيەدىكى داڭلىق سائەتلەردىن خاۋيا ۋە گارمىنقاتارلىقلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان. نۇرغۇن ئوبراز ۋەكىلى بولغان داڭلىق ماركىلارنىڭ ۋاقتى توشمىغاچقا،ياۋمىڭ سەپتىن چىكىنسىمۇ يەنىلا مول كىرىم مەنبەسىگە ئىگە.
ياۋمىڭ ئەترىتىنىڭ پۇل قازىدىغان ئالتە چوڭ ساھەسى ياۋمىڭ NBA دىكى ئەڭ مۇۋەپىقىيەت قازانغان جۇڭگولۇق ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەن جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ «سودا كاللىسى» ئىگە ئۈلگە. ئۇ مەبلەغ سالغان تۈرلەردىن تور بىكەت، ئاشخانا، ئۆي-زېمىن، پاي، مېھمانسارا قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھە بار.«ياۋمىڭ ئەترىتى» نىڭ بىرىنچى مەبلەغ سېلىش تۈرى 2005- يىلى 5- ئايدا ئامېرىكا ھىيۇستۇننىڭ غەربى رايونىدىكى ئەڭ قايناق بولغان ئالىي دەرىجىلىك يېمەك ئىچمەك كوچىسى ۋەسھامىر كوچىسى 9755 نومۇردا «ياۋ ئاشخانىسى» تىجارەت باشلىدى. ئومۇمىي سالغان مەبلىغى بىر مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ياۋمىڭنىڭ سالغان مەبلىغى پەقەت بىر ئىسىم، بۇ بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن ئامېرىكا دوللىرىنى ياۋمىڭنىڭ ئاتا- ئانىسى، بۇرۇنقى سەپداشلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى يېمەك -ئىچمەك ساھەسىدىكى بىر خوجايىن ئورتاق چىقارغان؛ 2006- يىلى ياۋمىڭ كىت مۇزىكا تور بېتىگە مەبلەغ سالدى، بۇ ناخشا چۈشۈرىدىغان تور بەت بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 10- ئايدا بۇ تور بەت ئاشكارىلىغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ تور بەتنىڭ كىرىمى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن؛2007- يىلى يازدا، ياۋمىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەخسى زەنجىرسىمان بەدەن چىنىقتۇرۇش ئورگىنى بولغان كالفورنىيە بەدەن چىنىقتۇرۇش ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ بېيجىڭدا «كالفورنىيە بەدەن چىنىقتۇرۇش ياۋمىڭ كۇلۇبى» ئاچتى. يەنە شۇ يىلى 11- ئايدا، «كالفورنىيە بەدەن چىنىقتۇرۇش ياۋمىڭ كۇلۇبى»شاڭخەيدە ئېچىلدى. 2008- يىلى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى ياۋمىڭ بېيجىڭ توڭجودا مەبلەغ سېلىپ« قۇياش گۈلى» ناملىق تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي قۇرۇشقا كىرىشتى دەپ خەۋەر بەردى. 2009- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ياۋمىڭ شاڭخەيدىكى ئەرلەر ۋاسكىتبولىنىڭ بارلىق پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش پەقەت شاڭخەيدىكى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى چىقىش قىلغان بولۇپ،دەرھال تەننەرخىنى قايتۇرۇپ كېلىش تەس ئىدى. ياۋمىڭنىڭ كىرىمى ئەڭ كۆپ بولىدىغىنى بولسا خېجۇڭ سىجۇاڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە قويغان پېيى.2007- يىلى 12- ئايدا، خېجۇڭ سىجۇاڭ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گوشىنپىڭ ئۆزىنىڭ نامىدىكى %0.75 پاي ھوقۇقى، جەمئىي375 مىڭ پېيىنى ياۋمىڭغا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇ يىلى 12- ئايدا بۇ شىركەت پاي شىركىتىگە ئۆزگەرتىلدى. ياۋمىڭنىڭ %0.75 پاي ھوقۇقى كېڭىيىپ، 675 مىڭغا يەتتى. ئالدىنقى يىلى 4- ئايدا، خېجۇڭ سىجۇاڭ پاي چەكلىك شىركىتى A پېيى بازارغا چىقىپ،ياۋمىڭنىڭ پاي ھوقۇقى بازاردا ئەڭ چوڭ قىممەت يارىتىپ 80 مىليون يۈەنگە يەتتى.ئۇنىڭدىن باشقا ياۋمىڭنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە ئۆي-زېمىنلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە قىممىتى ئۆرلەۋاتىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 10:32:24 ئۇقۇلۇشى: 282 قېتىم] |
|