تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىپ تىزىملىتىش باشلاندى |
ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانسىى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق يېقىندا «تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىپ تىزىملىتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە تارقاتتى، تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىپ تىزىملىتىش خىزمىتى 30-سېنتەبىرگىچە سىناق يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. يېقىندا ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى پەن-تېخنىكا ۋە رەقەملىك نەشريات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ جيەنشىن «خەلق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. سۇڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىپ تىزىملىتىش سىستېمىسىنى يولغا قويۇش دۇنيادا تۇنجى ئىش. ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىش مەسىلىسنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، سەككىز تارماق 2007-يىلى 4-ئايدا «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش، تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە تارقىتىپ، بارلىق تور ئويۇنى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ چوقۇم تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، تېخنىكا ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تور ئويۇنى ئوينىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-10 13:25:16 ئۇقۇلۇشى: 194 قېتىم] |
|