ئۆزبېكىستان دۆلەت ئىچىدە ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشتا چەتئەل پۇلى تۆلەشنى تەلەپ قىلدى |
مەنبە: www.xjjjb.com
2011-08-09 01:45
تاشكەنت خەۋىرى: ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتى ئىلان قىلغان ھۆكۈمەت بۇيرۇقىدا، ئۆزبەكىستان ئىچىدە دۆلەت ئىچى ياكى خەلقئارالىق ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىلىۋىشتا چەتئەل پۇلى بىلەن ھىساپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىگەللىنىشىچە، بۇ بۇيرۇق ھازىر يولغا قويۇلۇشنى باشلىغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بەلگىلىمە ئۆزبەكىستانلىقلارغىلا قارىتىلماستىن، چەتئەللىكلەرگىمۇ تەدبىقلىنىدىكەن. ئەگەر بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۆزبەكىستان باج تارماقلىرى بىلەت ساتقان ئورۇنلارغا ساتقان بىلەت باھاسى بىلەن ئوخشاش قىممەتتە جەرىمانە قويىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، توغرا يوللار ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوتقا ئېرىشىش ناھايىتى تەس بولغاچقا، بۇ بەلگىلىمە تۈپەيلىدىن ئۆزبېكىستاندىكى ئاددىي خەلق ئامالسىزلىقتىن قاراڭغۇ بازاردا تاشقى پېرېۋوت ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. 8-ئاينىڭ 4-كۈنىنى مىسالغا ئالساقمۇ، ئۆزبېكىستان مەركىزىي بانكىسى بەلگىلىگەن پېرېۋوت نىسبىتىدە 1ئامېرىكا دوللىرى 1727سومغا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئەمما قاراڭغۇ بازاردا 1ئامېرىكا دوللىرى ئاللىقاچان 2450سومغا ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرى دۆلەت ئىچىدە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-10 13:26:44 ئۇقۇلۇشى: 162 قېتىم] |
|