يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت «2011-يىللىق دۇنيادىكى 214 چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20-ۋە 21-ئورۇنغا تىزىلغان. ئىلگىرى ئىزچىل ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نيۇ يورك بولسا، 32-ئورۇنغا تىزىلغان. بېيجىڭ ۋە شاڭخەينىڭ نيۇ يوركنىڭمۇ ئالدىغا تىزىلىشىدەك ئەھۋالدىن، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، كۆپ قىسىم شەھەرلەردىكى تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ بارا-بارا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەرنىڭ بىرىنچىسى: ئانگولانىڭ لۇئاندا شەھىرى
دۇنيا بويىچە تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەرنىڭ ئافرىقىدىكى ئانگولانىڭ پايتەختى لۇئاندا ئىكەنلىكى كىشىنى سەل ھەيران قالدۇرىدۇ. لۇئاندادا ئىككى ياتاقلىق ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارە ھەققى 7000 ئامېرىكا دوللىرى (45 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)غا يېتىدىكەن. 30 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش لۇئاندانى تاۋار مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلەرگە كەمبەغەل قىلىۋەتتى، ئەسلىدە 500 مىڭ كىشى سىغدۇرالايدىغان بۇ شەھەرگە 5 مىليون كىشى ئولتۇراقلاشتى. تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج بېسىمى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شەھەردە تۇرمۇش خىراجىتى بارغانسېرى كۆپ كېتىدىغان بولدى.
ئاسىيا بويىچە تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەر: ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرى
توكيو بۇ يىل دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن، توكيودىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىشى يېمەكلىك باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىراق بۇ شەھەرنىڭ يەنىلا مەزكۇر تىزىملىكتە ئالدىغا تىزىلىشىدا، ياپونىيە يىنىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ھەربىر شەھەر نيۇ يورك بىلەن سېلىشتۇرۇلدى.
ياۋروپا بويىچە تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەر: رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرى
موسكۋا تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان بولۇپ، ياۋروپادىكى تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەر. بەزى نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئەرزان، مەسىلەن بىر بولكا سېتىۋېلىش ئۈچۈن، 0.43 ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ، ئوخشاش بولكىنى پارىژدا سېتىۋېلىشقا 2 ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ. ئەمما موسكۋادىكى تاماقخانا ۋە رېستورانلاردا يېمەكلىكنىڭ باھاسى بولكىنىڭكىدەك بۇنداق ئەرزان ئەمەس. نيۇ يورك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، موسكىۋالىقلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدە، ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئاساسلىق سەۋەبچى. موسكۋانىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
ياۋروپا بويىچە تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەرنىڭ ئىككىنچىسى:
شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرى
شۋېتسارىيىدىكى ئىككى شەھەر ئالدىنقى ئونغا كىرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى شەھەر جەنۋە بىلەن سۇرۇخ ئىدى. قاتناش تەرەققىي قىلىشى، ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق بولۇشى، مائاش يۇقىرى ئەمما باجنىڭ تۆۋەن بولۇشى، خەلقىنىڭ ئۆمۈرلۈك پاراۋانلىققا ئىگە بولۇشى ۋە مال باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى شۋېتسارىيىنىڭ بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئېنىقلىنىشىچە، شىۋېتسارىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە كېتىدىغان خىراجىتى فىرانسىيەنىڭكىدىن %26 يۇقىرى بولغان. نۇرغۇن شۋېتسارىيىلىكلەر گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىۋالىدىكەن.
ئاسىيادىكى «شۋېتسارىيە» سىنگاپور
سىنگاپورنى كىشىلەر ئاسىيادىكى «شۋېتسارىيە» دەپمۇ ئاتايدۇ. سىنگاپورنىڭ بۇ يىلقى ئۆي ئىجارىسى ئۇنىڭ بۇ قېتىم مەزكۇر تىزىملىكتە ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا سىنگاپورنىڭ تۇرالغۇ ئۆي خىراجىتى %23 ئۆرلىگەن.
جۇڭگو بويىچە تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەر: شياڭگاڭ
شياڭگاڭ جۇڭگودىكى تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ كۆپ كېتىدىغان شەھەر. بىراق شياڭگاڭ مەزكۇر تىزىملىكتىكى ئالدىنقى ئونغا تىزىلغان شەھەرلەر ئىچىدىكى بىردىنبىر ئىلگىرىكىدىن دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن شەھەر. شياڭگاڭدا بېزەك بۇيۇملار ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكىدىن ئەرزان، بىراق شياڭگاڭدا تۇرالغۇ ئۆي خىراجىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك خىراجىتى بىر قەدەر كۆپ كېتىدۇ.