ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ گاز قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشى لاياقەتلىك بەلگىسى بولغان يېشىل ۋە سېرىق بەلگە تارقىتىلىدۇ. 16 – سېنتەبىردىن باشلاپ سېرىق بەلگە چاپلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بەلگىلەنگەن رايون ۋە ۋاقىتتىلا يۈرەلەيدۇ، يېشىل بەلگە چاپلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا راۋان يۈرەلەيدۇ.
4 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، ھازىر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى كوللېكتىپ توردا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلىنىپتۇ. كوللېكتىپ مۇلازىمەت بېجىرىش ئوبيېكتىلىرى ئاپتوموبىل ئىشلىتىدىغان چوڭ سودىگەرلەر، جامائەت مۇلازىمەت ساھەسى، ئون(ئوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن كۆپ ئاپتوموبىلى بار ئاپتوموبىل ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى كۆرسىتىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش زالىدا 8 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ شەخسىي ئاپتوموبىللارغا مۇھىت ئاسراش بەلگىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش باشلىنىدىكەن.
موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 16 – سېنتەبىردىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ ئالدىغا سېرىق ياكى يېشىل بەلگە چاپلىنىشى كېرەك، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۈرۈشى چەكلىنىدۇ. باشقا يەرنىڭ نومۇرى ئېسىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ياكى ئاپتوموبىل قاراشلىق ئورۇن تارقاتقان مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشى لاياقەتلىك بەلگىسى ئۈرۈمچىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ قالىدىغان باشقا يەرنىڭ نومۇرى ئېسىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشى لاياقەتلىك بەلگىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشى لاياقەتلىك بەلگىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 16 – سېنتەبىردىن كېيىن، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلەش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن، سىناق ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى ئورۇنلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما يولىنى تەكشۈرىدىكەن، مۇھىت ئاسراش بەلگىسى يوق يولغا چىققان ھەم تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار؛ تەكشۈرۈشتە بەلگىلەنگەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللار؛ بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ سىرتىدا بەلگىلەنگەن رايوندىن باشقا شەھەر رايونىغا كىرگەن سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى جازا بېرىلىدىكەن.