ئۈرۈمچىدە قۇياش ئىنىرگىيلىك قاتناش سىگىنال چىرىقى خىزمەت قىلدى |
ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، بەزى شەھەر ئاھالىلىرى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، كوئىنلۇن يولى بىلەن نەنخۇ يولى كېسىشىدىغان جايدىكى كوئىنلۇن ماي قاچىلاش پونكىتى يول بۆلىكىدە، ئىككى دانە ،بېشى چوڭ بولمىغان، قۇياش ئىنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىدىغان قاتناش سىگىنال چىرىقى يولدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارغا نورمال « قوماندانلىق » قىلىۋاتقان. 3- ئاۋغۇسىت، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش تارماق ئەترىتى قاتناش بۆلىمىدىن ئېگىلىشىچە، بۇ قېتىم كوئىنلۇن ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ جەنۇبى يان ۋە شىمالى يان يولى ئىغىزىغا ئايرىم -ئايرىم ئىككى دانە قۇياش ئىنىرگىيىسىگە تايىنىپ خىزمەت قىلىدىغان قاتناش سىگىنال چىرىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق BRT ماشىنا يولىنىڭ ياسىلىشىغا ماسلىشىدىكەن. قاتناش بۆلىمىنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، قۇياش ئىنىرگىيلىك قاتناش سىگىنال چىرىغى تۈۋرۈك شەكىللىك قاتناش سىگىنال چىرىغىدىن كۆپ ئاددىي ئىكەن، ئۇ قۇياش نۇرى سۈمۈرۈش ئارقىلىق قۇياش نۇرى ئىنىرگىيسىگە ئېرىشىدىغان بولۇپ، ئىچىگە باتارىيە ئورنىتىلغان، 200 سائەتتىن كۆپرەك خىزمەت قىلالايدىكەن. قۇياش ئىنىرگىيلىك قاتناش سىگىنال چىرىغىغا تۆت دانە چاق ئورنىتىلغان بولۇپ، نورمال خىزمەت قىلىۋاتقاندا، چاقنى ئېتىپ قويسا ، يۆتكەش كېرەك بولۇپ قالغاندا چاقنى ئېچىۋەتسىلا بولىدىكەن، بىر ئادەم ئىتتىرىپ ماڭالايدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ ، ساقچى تەرەپ، قۇرۇلۇش ئورنى، تۈۋرۈكسىمان قاتناش سىگىنال چىرىقىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ۋە مەلۇم يول بۆلەكلىرىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا نىسبەتەن بۇ قۇياش ئىنىرگىيلىك قاتناش سىگىنال چىرىقىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-5 12:29:56 ئۇقۇلۇشى: 322 قېتىم] |
|