|
|
تۆمۈرخان روزى ناخشا - ئېتوت كېچىلىكى |
|

تۆمۈرخان روزى 30 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا خەلقىمىزگە مەنىۋى جەھەتتە زوق بېرىپ كېلىۋاتقان كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسى بۇلۇش بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۈرىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان سەنئەتكارلار . تۆمۈرخان روزىنىڭ تالماس ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن ناخشىدا ئۆزگىچە خاس يول بىلەن تونۇلغان بولسا ئىتوت ساھەسىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تۇتۇپ بۇ جەھەتتىكى ئىستىداتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش بىلەن بىرگە شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولدى . بىز بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېسىل ناخشا كۈي دۇردانىلىرىنى جەم قىلغان ئېسىل كۈيلىرى بىلەن ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ۋە كومېدىيىلىك ئىتوتلىرى بىلەن تۈگەللەنگەن ئېسىل نومۇرلىرىنى خەلقىمىزگە سۈنۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ 30 يىللىق سەنئەت ھاياتىدىن قىسقىچە دوكىلات بېرىشنى مەقسەد قىلغان . بۇ كېچىلىككە يەنە ئەل سۆيگەن نۇرغۇن ناخشىلارنىڭ ئىجادچىسى . ھارماس ئىجادكار ۋە سەنئەت تۆھپىكارىمىز، تۆمۈرخان روزىنىڭ دادىسى روزى ئابدۇۋەلى ئىشتىراك قىلىدۇ . كومېدىيە پادىشاھى ئادىل مىجىت . مەشھۇر ناخشىچى ئۆمەرجان ئالىم قاتارلىقلار كىچىكلىكتە ئۆلمەس تالانىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلسا . ياڭراق ئاۋازى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن ناخشىچى شىرئەلى ئەلتىكىن . تۆمۈرخان روزىنىڭ ئىنىسى ئورخان روزى قاتارلىقلارمۇ كېچىلىككە ياندىشىدۇ . تالانتلىق رىياسەتچىلەردىن ئابدۇكىرىم ئابلىمىت (مىرشاپ) بىلەن دىلبەر ھۇشيار يۇمۇرلۇق ھىسيات ۋە سۆز قىلىشتىكى يۈكسەك تالانتى بىلەن كېچىككە ئۆزگىچە رەڭ بېرىدۇ . تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىمى ساھەسىدە يۈكسەك سەۋىيىنى يارىتىپ كېلىۋاتقان ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇربان . ئارزىگۈل مۆمىن قاتارلىقلار بىلەن خەلق چاقچاقچىلىرىدىن تۇداخۇن . ھىبى . روزاخۇن . تاققا تۇققۇ يۇمۇرلىرى ئارقىلىق تونۇلغان ھەبىببۇلا موللا (ئەبەي) سەھنىدىكى ئەركىن ئورۇنلاش ئۇسلۇبىغا ئىگە ناخشىچى خالىدە ئىمام . ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ئارتىسلىرىدىن . مەۋجۇدە . نازۇك ئاي قاتارلىقلار ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق سىزنى تاڭ قالدۇرىدۇ . كىچىكلىكتە ئۇيغۇر سەھنە سەنئىتىنىڭ ئىجادكارى راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال باش رېجىسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇپ كىچىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە . سىزنىڭ ھازىرقى سەنئەت ئىستىمالىڭىزدىن ھالقىغان يېڭىچە ئوي پىكىرلەرنى كۈرۈپ قەلبىڭىز شاتلىققا تولغۇسى . كۆرۈشكە ئالدىراڭ . . پۇرسەت غەنىمەت ، دىدار غەنىمەت . |
|
ئاۋاتلىغى : 3592 |
قۇشۇلغان ۋاقتى : 2012-2-4 13:17:05 |
|
|