
ئەلكۈيى تورى سەنئەت ئۇچۇرى: بىر يىللىق ئالدىراشلىق كۈنلىرىڭلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،قۇتلۇق يېڭى بىريىل،يېڭى بىر قەدەمنى باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئۇشبۇ مىنۇتلاردا «مۇھەببەت ئۈن –سىن سىتودىيەسى»نىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى بىلەن دەۋرىمىزدە كۆزگە كۈرىنىۋاتقان ياش ناخشىچىلاردىن تەشكىللەنگەن «دەۋىر كۈيى»ياش چولپانلار سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكچى.
كېچىلىكتە ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان تالانتلىق ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم،كۆڭۈلدىكى قىز ناملىق نۇرغۇنلىغان ناخشىلىرى بىلەن ياشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ياش ناخشىچى ئابدۇسۇپۇر ئىسمايىل ،«يار دەردى»،«سىنى دەيمۇ»ناملىق ناخشىلىرى،مىنى چۈشەن نامىدىكى پىلاستىنكىلىرى بىلەن كەڭ خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن .
ياش ناخشىچىمىز ئابدۇغېنى ئابلىكىم شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بويان ناخشا ئورۇنلاشتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقان ناخشىلىرىمىزدىن ئەيسابەگ، مەۋلان مەمتىمىن ، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،دىيارىمىزدىلا ئەمەس چەتئەللەردىمى چالغان راۋىپى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىمىنجان، پەرغانە ئالىم،دىلارە ئابدۇشۈكۈر،نازۇگۇم،ئۇزنار نىجات..قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ياش سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ، ئەڭ نادىر بولغان ئىجادىي ناخشىلىرىنى كەڭ خەلقىمىزگە يېڭى يىللىق سوۋغات سۈپىتىدە سۇنماقچى.
كېچىلىك ئۆلمەس كۈيلىرىمىزدىن بولغان دولان موقامىدىن باشلىنىپ،تالانتلىق ناخشىچىلارنىڭ دەۋىرگە ماسلاشقان يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئىجادىي ناخشىلىرى شۇنداقلا يېڭىدىن ئاكورتلاشتۇرۇلغان خەلق ناخشىلىرى قەلب تارىڭىزنى چەكسە،12موقام ئۆزىنىڭ سىھىرلىك كۈيلىرى بىلەن قەلبىڭىزنى لەرزىگە سالغۇسى! كېچىلىكتە ئورۇنلانغان ناخشىلارنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ،مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرىلىشى شۇنداقلا تېما تاللاش دائىرەسى يېڭى دەۋىرگە ماسلاشقان بولۇپ،سەھنە بىزىلىشى ئۆزگىچە،كېچىلىك نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنىپ پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلىنىدۇ.
كېچىلىك 12-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:00دە) ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزىلىدۇ،
ئالاھىدە ئەسكەرتىش
1.نۆۋەتتە بېلەت سېتىش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،كەڭ ياشلارغا،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىش يۈزىسىدىن 10دىن ئارتۇق بېلەتنى بىرلىكتە سېتىۋالغۇچىلارغا باھادا %5 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
2.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئويۇن قۇيۇش مەيدانىغا چوقۇم 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7؛00دىن بورۇن كىرىپ بۇلىشى كېرەك،7دىن كىيىن قالغۇچىلار بىردەك ئويۇن قويۇش زالىغا كىرەلمەيدۇ.
بېلەت سېتىلىدىغان ئورۇنلار
خەلقئارا چوڭ بازار ئالدى
مۇھاببەت ئۈن - سىن سىتودىيەسى
قارلۇق ئۈن - سىن سىتودىيەسى
خانساراي كىنوخانىسى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا ئالدىدا)
بېلەت سېتىۋېلىش تېلىفۇن نومۇرلىرى:
6222304-0991
13999995234
13999958544
13999994832
مەنبە : ئەلكۈيى تورى |