
نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازى شىنجاڭلىقلارنىڭ خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرگەن پەيتتە، ئۆسمۈر نەسرىدىن ئەپەندى قۇملۇقتىن دېڭىز بويىدىكى نىڭبو شەھىرىگە يول ئېلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، 3D كارتون فىلىمىدىكى يېڭىچە ئوبرازى بىلەن جامائەتچىلىك ئالدىدا نامايان بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن نىڭبو شەھىرى ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان 100 قىسىملىق 3D كارتون فىلىمى ‹‹ئۆسمۈرنەسرىدىن ئەپەندى››فىلىمىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى نىڭبودا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كارتون فىلىمىنىڭ ئالدىنقى 26 قىسمى 2012- يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.
‹‹ئۆسمۈر نەسرىدىن ئەپەندى›› نى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، نىڭبو مىنخې كىنو-تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمى ئىشلەش چەكلىك پاي شىركىتى مەبلەغ سېلىپ ئىشلىدى. بۇ فىلىمنى ئىشلەشتە،جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاپتوماتىكلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار CG ئۈچ ئۆلچەملىك تېخنىكىسى قوللىنىلدى. 3D كارتون فىلىمى ‹‹ئۆسمۈر نەسرىدىن ئەپەندى›› دە، جانلىق، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا ۋە پەلسەپىۋىيلىككە باي ھېكايىلەر ئارقىلىق، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئۇنىڭ شوخلۇقى، ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ فىلىمدە يەنە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى روشەن بىر قاتار كارتون ئوبرازلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، بالىلارغا شاد-خوراملىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭلارغىمۇ نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدارتارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگو كارتون فىلىم جەمئىيىتى، كارتون فىلىم ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە بۇ فىلىمگە ئاكتىپ باھا بەردى. دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى 60 نەچچەئاخبارات ۋاستىسىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇخبىر پائالىيەتكە قاتناشتى. |