

«قارمەلىكە بىلەن ئوۋچى»ناملىق فىلىمنىڭ سۈرەتلىرى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى «قارمەلىكە بىلەن ئوۋچى»ناملىق فىلىم قويۇلۇشقا ئاز قالدى، قارمەلىكە ناملىق بالىلار ھېكايىسىدىن ئېلىنغان ئىككى خىل فىلىم تېز سۈرئەت بىلەن ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بىرسى باھار بايرىمى مەزگىلىدە خەلىقئارالىق نەشىرىنى ئېلان قىلغان «سېھىرلىك ئەينەك»، يەنە بىرسى« قارمەلىكە بىلەن ئوۋچى »ناملىق فىلىم بولۇپ، يېڭى شەكىل بىلەن تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىلىدۇ. چارلىس بۇ فىلىمدە قارا كىيىملىك رەزىل خانىشنىڭ رولىنى ئالىدۇ،چىرىس بۇ فىلىمدە ئوچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئەسلىدىكى قارمەلىكە ناملىق بالىلار ھېكايىسىدە ئوۋچىنى خانىش مەلىكىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، لېكىن ئوۋچى مەلىكىنى ئۆلتۈرۈشكە قولى بارماي، مەلىكىنى قويۇپ بېرىدۇ، ھېكايىنىڭ كەينى بولسا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق. بۇ يېڭى نەشىرىدە ئوۋچى مەلىكە بىلەن بىرگە خەۋىپ-خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىراق بىز شاھزادىنى ئويلىغان چېغىمىزدا، ئوۋچى بىلەن مەلىكە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاشىق-مەشۇق بولماستىن بەلكى بەكەرەك ئۇستاز بىلەن شاگىرىت مۇناسىۋىتى ياتىدۇ.
مەنبە: et.21cn.com |