<<سەنئەت پىشۋالىرى>>باشچىلىقىدىكى سېغىنىش ناخشا مۇزىكا كېچىلىكى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

«دەۋىركۈيى» ياش..
<<سەنئەت پىشۋال..
<<ئۆسمۈر نەسىرد..
ئامىرخاننى جۇڭگ..
ئەزىمەتلەر ئەتى..
«گۇمپىچى مۆشۈكئ..
   ئاۋات تېمىلار

 

2012-يىللىق ئاب..
مۇختەر بۇغرا ئى..
تۆمۈرخان روزى ن..
تاشمۇھەممەت بات..
قىساسكار ئاشىق..
«قارمەلىكە بىلە..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
<<سەنئەت پىشۋالىرى>>باشچىلىقىدىكى سېغىنىش ناخشا مۇزىكا كېچىلىكى

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت يۇرتىنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00دە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئويۇن قويۇش زالىدا ھەممەيلەن سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەۋاتقان بىباھا كىلاسسىك كۈي - ناخشىلىرىمىزدىن ئەسلى تەمى بويىچە بەھىرلەندۈرۈش، كەڭ پەرزەنتلەرگە ئاتا- ئانىلىرىغا ياخشى بىر مەيدان رەھمەت ئېيتىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش مەقسىتىدە <<سەنئەت پىشۋالىرى>>باشچىلىقىدىكى سېغىنىش ناخشا مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
 
ئېگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە بىر دەۋىرنىڭ ۋەكىللىك سەنئەت پىشۋالىرىدىن،شىنجاڭ بۇلبۇلى پاشا ئىشاننىڭ ناخشىلىرى،تۇرنىسا سالاھىدىننىڭ مۇقاملىرى،رىسالەت ھاپىز،تۇرنىسا مۇھەممەد،ئابدۇرېھىم ھېيت،تاشمۇھەممەد تۇرسۇننىڭ مەردانا ناخشلىرى،ئابلىمىت ئابلىز ۋە مۇنەۋۋەر مۇھەممەدنىڭ دىراماتىك تۈسكە ئىگە غېرىپ - سەنەم كۈيلىرى شۇنداقلا ئاتاقلىق مۇزىكانت،غىجەك ئۇستازى ئەكرەم ئۆمەرنىڭ مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان ئېسىل كۈيلىرى ھەم شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى ئاكورتلاشتۇرغان نادىر خەلق مۇزىكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

  بۇ كېچىلىك ئۇستاز سەنئەتكارلار ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ،كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈشكە بىر قېتىم چوڭ پۇرسەت يارىتىپ بىرىشنى ئالاھىدە مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ پىلانلانغان بولۇپ،كېچىلىكتە نومۇرلارغا ئوزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 9-دېكابىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا كەڭ تاماششىبىنلار بىلەن يۈز كۆرىشىدىكەن.كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىملىق <<سېغىنىش>>ناخشا - مۇزىكا كېچىلىكىنى ۋاقتىدا كۆرىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز!


ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى :
2888845-0991
18999888187
13999842011
2859333-0991
2558329-0991

كېچىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىت :
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى زالى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 07:30دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
بېلەت سېتىلىدىغان ئورۇنلار:
خەلقئارا چوڭ بازار ئالد(ناۋا ئۈن - سىن مەركىزى)،ئەسلىدىكى ئوپىرا تياتىرى
ئالدىدا،تەكلىماكان ئۈن سىن مەركىزى
مەنبە:ئەلكۈيى تورى

 ئاۋاتلىغى : 1255  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-12-21 16:36:13 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682