
Fetih 1453 يەنى، (1453-يىلىدىكى بويسۇندۇرۇش )فىلمىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى پۈتۈن گىرىتسىيەنى قوزغىۋەتتى. تونۇشتۇرۇش فىلىمى بىلەن گرېتسىيىنىڭ چىشىغا تەگكەن (1453-يىلدىكى بويسۇندۇرۇش) فىلىمى گرېتسىيە گېزىتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىدى. 2-ئايدا كىنوخانىلاردا قۇيۇلماقچى بولغان فىلىم گرېتسىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر گېزىتى بولغان Proto Thema گېزىتى (تۈركلەرنىڭ 17 مىليون دوللارلىق بويسۇندۇرۇش فىلىمى! )دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر بەردى.داڭلىق رېژىسسور فارۇق ئاكسوي رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم ئامېرىكا،ئەنگلىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەت كىنوخانىلىرىدا قۇيۇلىدىكەن.بۇ فىلىم تۈركىيە كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان فىلىم ئىكەن. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: تۈركلەر ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ ئەڭ تەڭداشسىز قوشۇنى كۆرسىتىدۇ ۋە رۇم ئەسكەرلىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان كۈچى ئاستىدا باش ئېگىدۇ. فىلىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بىسىڭ: http://video.haberturk.com/sinema/video/fetih-1453/56345# |