يېڭى يىللىق كىنو بازىرىغا نەزەر - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

«دەۋىركۈيى» ياش..
<<سەنئەت پىشۋال..
<<ئۆسمۈر نەسىرد..
ئامىرخاننى جۇڭگ..
ئەزىمەتلەر ئەتى..
«گۇمپىچى مۆشۈكئ..
   ئاۋات تېمىلار

 

2012-يىللىق ئاب..
مۇختەر بۇغرا ئى..
تۆمۈرخان روزى ن..
تاشمۇھەممەت بات..
قىساسكار ئاشىق..
«قارمەلىكە بىلە..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
يېڭى يىللىق كىنو بازىرىغا نەزەر
  • مەنبە: ent.qq.com
  • 2011-12-31 11:43
  • قانۇن-تۈزۈم كەچلىك گېزىتى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە،يېڭى يىللىق كىنو بازىرى ناھايىتى كەسكىن ھەم ئاۋات بولدىكەن.
     مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە،2012-يىلى 1-ئايدا مەملىكەت ئىچىدە قويۇلىدىغان يېڭى كىنولار 20دىن ئاشىدىكەن(بىر
    ئاي ئىچىدە 26 كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى، كىنو تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش).بىرىنچى ئايلىق
     پىلاندا قويۇلىدىغان كىنولاردىن«سېھرىگەر»،«رازىدچىك ھولمىس2»،«تەتۈر ئۇرۇش»،« جاسۇس4» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كىنولاردىن باشقا،يەنە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىۋاتقان «ئەجدەر سارىيىدىكى ئۇچقۇر ئەزىمەت»،«ئون ئۈچ چاچ
    قىسقۇچ»ۋە«تونۇش دۈشمەن»قاتارلىق كىنولارمۇ شۇ يېڭى يىللىق كىنو بازىرىنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
     جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى كىنو بازىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ھەپتىسىگە 3~2گىچە كىنودىنلا ياخشىراق بېلەت كىرىمى كىرىدىكەن،
    ئېيىغا 13~8گىچە كىنو ئورۇنلاشتۇرغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن.شۇڭلاشقا يېڭى يىللىق بىر ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان
    26كىنونىڭ 10ى دېگەندىكىدەك دەۋىر سۈرەلمەي،بويۇن قىسىپ قالىدىغان بولدى.
     2011-يىلى 12-ئايدا،بازاردا پەقەت«ئۈچ ئەخمەق»تىن ئىبارەت بىرلا ھىندىستان كىنوسى قويۇلۇۋاتاتتى،بىراق كېيىنكى ئايدا
     قويۇلدىغان«رازىدچىك ھولمىس2»،«مۇھەببەت قورقۇنۇچلۇق»،«ياڭاق قىسقۇچ»،«جاسۇس4»قاتارلىق تۆت كىنونىڭ
     قويۇلۇشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ تەھدىت بولىدۇ.
     يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت كىنونىڭ ئىچىدە«رازىدچىك ھولمىس2»بىلەن«جاسۇس4»نىڭ ئالدىنقى بۆلۈمى ئىلگىرى
     مەملىكەت ئىچىدە قويۇلۇپ،بېلەت كىرىمى يۈز مىلىيوندىن ئېشىپ كەتكەن.ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق بىلەت كىرىمىگىمۇ ئەلۋەتتە
     ئىشەنچىسى بار.بولۇپمۇ تام.كىرۇس رول ئالغان«جاسۇس4» مەملىكىتىمىزدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن دۇنيا بويىچىمۇ خېلى كۆپ كۆرۈرمەنلەر ئاساسىغا ئىگە.ئۇ نۆۋەتتە مەملىكىتىمىز ئىچىدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسىگە ئايلىنىشى
    تۇرغانلا گەپ.
    مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك كىنولار،تاماشىبىنلارنىڭ تازا دېگەن يېرىدىن چىقالماي كېلىۋاتاتتى،بىراق«ئەجدەر
     سارىيدىكى ئۇچقۇر ئەزىمەت»نىڭ قويۇلۇشى بۇ خىل ھالەتكە خاتىمە بەردى.بېلەت كىرىمى ھازىرغا قەدەر تۆت يۈز مىلىيوندىن ئېشىپ،مەملىكىتىمىز   كىنولىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
     كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى،مەملىكىتىمىز ئىشلىگەن يەنە بىر كىنو«ئەرش ئوردىسىنى مالىمان
     قىلىش»تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.بۇ كىنوغا2.5يۈز مىلىيون يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ سېلىنغان.
    كىنودا جۇرۇنفا،جېن زىدەن،گو فۇچېڭ قاتارلىق چولپانلار رول ئالغان بولۇپ،تېخنىكىلىق خادىملارنى
    ھوللىۋودتىن تەكلىپ قىلىنغان.شۇنداقلا«غەرىپكە ساياھەت»نىڭ بەزىبىر ئېلمىنىتلىرى قوللىنىلغان،
    شۇڭلاشقا بۇ كىنونىڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىشىدا گەپ يوق.
     مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى كىنو بازىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ھەپتىسىگە 3~2گىچە كىنودىنلا ياخشىراق
     بىلەت كىرىمى كىرىدىكەن،ئېيىغا 13~8گىچەكىنو ئورۇنلاشتۇرغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن،مەسلەن مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى
    «ئەجدەر سارىيدىكى ئۇچقۇر ئەزىمەت»بىلەن«ئون ئۈچ چاچ قىسقۇچ»بىرلا ۋاقىتتا قويۇلغاندا،كىنو بازىرنىڭ %90تىنى
    ئىگەللىگەن.23-چېسىلا«تونۇش دۈشمەن»قويۇلغاندىن كېيىن،بۇ خىل ھالەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ،ئالدىنقى ئىككى كىنونىڭ
     ئورنى سەل تەۋرىگەن.مۇشۇ خىل ھېساب بويىچە ماڭغاندا،بىر ئايدا ئاران13~8گىچە كىنو قويۇلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
    يېڭى يىلدا قويۇلىدىغان كىنولارنىڭ كونكېرت قويۇلۇش ۋاقتى:
    1.1-ئاينىڭ 5-كۈنى«توي ھارىقى» جۇڭگو
    2 .1-ئاينىڭ 6-كۈنى: «شۇ يىللاردا بىز جوڭگودا قوغلاشقان قىزلار» تەيۋەن
    «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش خۇشاللىقى»جۇڭگو
    «قاتىل ئوۋياڭ پېنزەي»جۇڭگو
    1-ئاينىڭ 11-كۈنى«ئەرش ئوردىسىنى مالمان قىلىش»ئۈچ ئۆلچەملىك ،جۇڭگو
    1-ئاينىڭ 12-كۈنى:
    «سېھرىگەر»جۇڭگو
    «قوزا خۇشخۇي بىلەن كۈلرەڭ بۆرىنىڭ ئەجدىرھا يىلى»جۇڭگو
    1-ئاينىڭ 13-كۈنى«دەۋر ھالقىپ ئەسكەر قۇتقۇزۇش»جۇڭگو
    1-ئاينىڭ 15-كۈنى«رازىدچىك ھولمىس2»ئامېرىكا
    1-ئاينىڭ 17-كۈنى«ياڭاق قىسقۇچ»(ئۇچ ئۆلچەملىك)ئەنگىلىيە
    1-ئاينىڭ 18-كۈنى«قۇدىلارنىڭ يېڭى يىلى»جۇڭگو
    1-ئاينىڭ 19-كۈنى«تەتۈر ئۇرۇش»جۇڭگو
    1-ئاينىڭ20-كۈنى:
    «مۇھەببەت ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق»كورىيە
    «خۇشاللىق يەتكۈزۈش»جوڭگو
    1-ئاينىڭ23-كۈنى:«يېڭى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر»جۇڭگو
    1-ئاينىڭ24-كۈنى«ۋەھىمىلىك ئويۇن»جۇڭگو
    1-ئاينىڭ 25-كۈنى«جاسۇس4»ئامېرىكا
    1-ئاينىڭ 26-كۈنى«شەكىل ئۆزگەرتكۈچ كەمپۈت»جۇڭگو
     ئاۋاتلىغى : 929  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-2 11:20:13 
     
     

      خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682