كارۋان تىياتىر كولۇبىنىڭ2012- يىللىق سوۋغىسى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

«دەۋىركۈيى» ياش..
<<سەنئەت پىشۋال..
<<ئۆسمۈر نەسىرد..
ئامىرخاننى جۇڭگ..
ئەزىمەتلەر ئەتى..
«گۇمپىچى مۆشۈكئ..
   ئاۋات تېمىلار

 

2012-يىللىق ئاب..
مۇختەر بۇغرا ئى..
تۆمۈرخان روزى ن..
تاشمۇھەممەت بات..
قىساسكار ئاشىق..
«قارمەلىكە بىلە..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
كارۋان تىياتىر كولۇبىنىڭ2012- يىللىق سوۋغىسى

 ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يېڭى دەۋىردىكى قىممىتىنى نامايان قىلىش، سەنئەتنى ياشلار ئالاھىدىلىكى ،مىللىي ئالاھىدىلىك، دەۋەر ئالاھىدىلىككە بىرلەشتۈرۈپ نادىر ئىجادىيەت يارىتىش، ياشلار جۇشقۇنلۇقى ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يېڭى مەنزىلنى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە، ئەلنىڭ ئارمانلىرىنى قەلبىگە پۈككەن «كارۋان تىياتىر كۇلۇبى» 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-، 7-، 8- كۈنلىرى 2-سان نادىر سەنئەت كېچىلىكىنى كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىز ھوزۇرىغا سۇنىدۇ. 


 بۇ قېتىمقى «كارۋان تىياتىر كۇلۇبى» يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى، ھازىرقى زامان سەھنە سەنئىتى يېڭىلىقلىرىنىڭ  مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلىشىنى ئەڭ يېڭى ئۇسلۇب، ئەڭ يېڭى شەكىل بىلەن ئىپادىلەنگەن بىر مەيدان نادىر سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ، بۇ قېتىمقى كېچىلىككە كارۋان تىياتىر كۇلۇبنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، كارۋان كۇلۇبىدىكى ياش ناخشىچىلاردىن ئابدۇقادىر يار ئېلى، مەۋلان مەمتىمىن، بەختىيار ئېزىز، زۇلپىيە رېشىت، دىلمۇرات غۇلام، كارۋان كۇلۇبىدىكى ئىقتىدارلىق ياش ئاكتيورلار، ئىتوت سەنئىتىدىكى ئۈمىدلىك چولپانلاردىن ئابدۇرېھىم راخمان، ئابدۇكېرىم ئابلىمىت (مىرشاپ)، ئەنۋەر ئابلىز، قۇندۇز ئاي تاش، ئامىنە ئابلا، تاققا-تۇققا يۇمۇرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ھەبىبۇللا موللا (ئەبەي)، شۆھرەت ۋەلى، قەلبىنۇر قېيۇم، ئەرەفات دىلشات، ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم، رىنات تەلغەت، گۈزەلئاي ئابدۇراخمان، كارۋان كۇلۇبىدىكى رايونىمىز سەھنىلىرىگە گۈل چېكىپ كېلىۋاتقان ياش ئۇسسۇلچىلاردىن ئابلىكىم ئابلا، توختى بەكرى، يۇلتۇز ھەسەن، مۇڭلۇق كۈيلىرىنى خەلقىمىز ھوزۇرىغا سۇنۇۋاتقان مۇزىكانتلاردىن ئالىمجان ئابلىز، فەرۇخ دولقۇن، ئەزىزجان ئابلىمىت، سودىيە ئاي مەھمۇد، مەرھابا نۇر مۇھەممەد، مۆمىنجان يۈسۈپ، شىرئېلى توختى قاتارلىقلار قاتناشقان.


بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە تالانتلىق ئاكتيور، ياش رېژىسسور جۈرئەت ۋايىت رېژىسسورلىقىدىكى نادىر ئىتوتلار، ياش ناخشىچىلار ئىجراسىدىكى ئىجادى ناخشىلار ۋە ياش ئۇسسۇلچىلار تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان نەپىس ئۇسسۇللار سىزگە يېڭى يىلدا يېڭىچە تەسىرات بېغىشلايدۇ، نەخ مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ!
 يېڭى بىر يىلغا يېڭى كەيپىيات، يېڭى بىر ئىلھام،  يېڭى بىر ھاياجان ئىچىدە قەدەم بېسىڭ. بۇ خۇشال دەقىقىلەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى يېنىڭىزدا بولسۇن!
 كارۋان تىياتىر كۇلۇبىنىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىسى سىزنى كۈتمەكتە.
 ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسى (بەيگە مەيدانى تۆت كوچا يېنىدا «سەيماچاڭ يېڭى جۈيۈەن») 16-، 63-، 106-، 912-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ يىپەك يولى مېھمانخانىسى بېكىتىدە، 61-، 70-، 801-، 919- يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ داۋان ساقچىخانىسى بېكىتىدە چۈشسىڭىز يېتىپ بارىسىز.

 ئاۋاتلىغى : 1259  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-12-28 19:40:29 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682