ئۇرۇش فىلىمى «ئون ئۈچ تال قىسقۇچ» ياخشى باھاغا ئېرىشتى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

«دەۋىركۈيى» ياش..
<<سەنئەت پىشۋال..
<<ئۆسمۈر نەسىرد..
ئامىرخاننى جۇڭگ..
ئەزىمەتلەر ئەتى..
«گۇمپىچى مۆشۈكئ..
   ئاۋات تېمىلار

 

2012-يىللىق ئاب..
مۇختەر بۇغرا ئى..
تۆمۈرخان روزى ن..
تاشمۇھەممەت بات..
قىساسكار ئاشىق..
«قارمەلىكە بىلە..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئۇرۇش فىلىمى «ئون ئۈچ تال قىسقۇچ» ياخشى باھاغا ئېرىشتى

ئۇرۇش فىلمى «ئون ئۈچ تال قسقۇچ»(ئۇرۇش مەيداندىكى گۈل )نىڭ قويۇلشىغا ئەگىشىپ رژسسور جاڭ يىمو ئامما ئارسىدا يەنە غۇل-غۇلا قوزغىدى.فىلمدە ياپونيە ئارميسنىڭ نەنجىڭغا ھۇجۇم قىلغانغا ئائېت مەزمۇنلار سۆزلەنگەن.تۈنۈگۈن جاڭ يىمو سۇمۇرۇغ تېلۋىزىيە سۈنھى ھەمراھى خەنزۇچە قانىلى «مەشھۇر شەخسلەر بىلەن يۈزمۇ-يۈز پاراڭلىشىش »پروگراممىسىدا،شۈ گىخۈي بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبىتىدە مۇنداق دىدى:«ئون ئۈچ تال قىسقۇچ»مىنىڭ ئەڭ جىق ۋاقىت سەرىپ قىلغان،مەبلەغ ئەڭ كۆپ،قان-تەرىم ئەڭ جىق سەرىپ قىلنغان فىلىم.كۆپچىلكنىڭ بىر ياخشى فىلم كۆرۈشىنشى ئۈمىد قىلمەن.بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.

بىل «قەھرىمان بولماسلىق» تەكلپىنى بەردى

شۈ گخۈي(تۆۋەندە شۈ دەپ قىسقارتىلدى):«ئون ئۈچ تال قىسقۇچ»نىڭ باشقا ئۇرۇش فىلىملەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە يېرى قايسى؟

جىڭ يىمو(تۆۋەندە جاڭ دەپ قىسقارتىلدى):2006-يىلى دوستۇم ماڭا گلىڭنىڭ بۇ روماننى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.ئۇ ۋاقىتتا مەن بۇ روماننىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلدىم .بۇ روماندا،كىچىك بىر قىزنىڭ دۇنيا قارىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان.بۇ دەل فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سېكۇنتنىڭ ئېنىقلىمىسى.بۇ ماڭا باشقىچە بىر تۇيغۇ بەرگەن .سوغۇق رەڭلەر ئارىسىغا ئىسسىق رەڭ كىرىشتۈرۈلۈپ،بۇنىڭغا يەنە ئەسلىمنىڭ سۇبيېكتىپلىقى قوشۇلۇپ،بۇ فىلىمنى ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى.شۇڭا مەن شۇ ۋاقىتتىلا مەن بۇنى سۈرەتكە تارتىشنى ئويلاشتىم،بۇ مەن كۆرگەن نەنجىڭنى باش تېما قىلغان ئەسەرلەر بىلەن ئوخشىمايدىكەن،دېدىم.

شۈ:بىل فىلىمدە رولنى ئالغان پوپ گلىڭنىڭ ئورىگىنالدا بىر ھەققانىيەتچى،ئادىل ئىجابىي رول،بىراق ئەسەردە بەك جىق تەسۋىرلەنمىگەن.نېمىشقا بۇ رولدا بۇنچىۋالا جىق ئۆزگىرىش قىلدىڭلار؟

 جاڭ:ئەگەر بىر پېرسوناژ تۈزلا تەرەققىي قىلسا ئېلاستىكلىققا ئىگە بولمايدۇ.بۇ پىرسوناژدا پەرق بولۇشى كېرەك.بىلمۇ بۇ پېرسوناژ باشتىلا قەھرىمان بولسا بولمايدۇ دەپ ھېس قىلدى.ئۇ بۇ ھېكايىنىڭ ئالدى كەينىدە سەھنىگە چىقىش كېرەك.ئۇ ئۆزمۇ سەزمەستىن قالتىس ياخشى ئىش قىلىشى كېرەك.بىز ھەممىمىز پېرسوناژنى مۇنداق لايىھىلەشنى ياخشى كۆرىمىز.ئاپتورغىمۇ تەسىرى بەك چوڭ. يەنە دەھشەتلىك ئۇرۇش ۋاقتلىردىكى جاپالىق مۇھىتتا تەبىئىتىدە داغ بولغان ھالەتتىمۇ كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ،تىنچ شارائىتتا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىش مۇمكىنلىكى بولغان ئالىيجاناب ئىنسانى پەزىلەتنى ھېس قىلالايمىز.

يېنىنىڭ غەلىبىسى ئۇنىڭ چىدامچانلىقىدا

شۈ:ھەر قېتىم سىزنىڭ فىلىمىڭىز قويۇلۇشتىن بۇرۇن ،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئايال باش ئارتىسقا بەك چوڭ ئۈمىد باغلايدۇ.سىزنىڭ ھەر قېتىم مۇشۇنداق «مەلۇم ئايال قەھرىمان»نى نام چىقىرىشتا قانداق مەخپىي قورالىڭىز بار؟باشتىلا ئارتىسلارنى تاللامسىز ياكى كىيىن تەربىيىلەش ئىلىپ بارامسىز؟

جاڭ:ھەر ئىككى تەرەپ بار.باشتا ئادەمنى ياخشى تاللاش كېرەك.ئادەم تاللاش جاپالىق،ئۇزۇن،ئىلمى جەريان.ئۆتكۈر كۆز بىلەن بىلىملىك كىشىنى بايقاش،تاشنى چېكىپ ئالتۇن تېپىشقا ئوخشاش سىرلىق ئىش ئەمەس.مېنىڭچە ،بىر ئارتىسنىڭ بىر رولنى ئىلىش-ئالالماسلىقى بىرىنچى تۇيغۇغا تايانماسلىق كېرەك.بۇ ئارتىسنى قايتا-قايتا سىناش كېرەك.بۇ فىلىمنىڭ ئارتىس تاللاش جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولدى.ئىنگلىز تىلدا راۋان،نەنجىڭ نوپۇسى بولۇش تەلەپ قىلىنغاچقا،بىزگە بولغان بىسىم ئىنتايىن چوڭ بولدى.بىراق مەن بەرداشلىق بەردىم.توختىماي ئىزدىدىم.يەن نى بىزنىڭ بىردىن-بىر نامزاتىمىز دېيىشكە بولىدۇ.

شۈ:نى نى قانداق شارائىتلارنى ھازىرلىغاچقا ،سىز ئۇنى بىردىن-بىر نامزات قىلىپ تاللىدىڭىز؟

جاڭ:مەن نى نىغا سىز بەرداشلىق بىرىڭ.كېلەچەك دېگەن نېمە،ئاخىرىدا،سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب بولمايدۇ.ئاخىرقى بىر مىنۇتتا مەن سىزنى رەت قىلالايمەن.بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن ئارتىسلىرىمىز بار دېدىم.مەن ئۇنىڭغا ئېزىپ چۈشەندۈردۈم.ئەمەلىيەتتە ئۇنى سىنىدىم.نەتىجىسىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا ئىككى-ئۈچ يىل رپىتىسدا چىداپ كەلدى.مېنىڭچە ئۇنىڭدىكى چىدامچانلىق روھى بۇنداق ئاددىي ئەمەس،بىز دەل شۇنىڭغا موھتاج.چۈنكى يۈمو بۇ شەخسنىڭ كېلىپ چىقىشى،كەچۈرمىشى،ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىردا نەنجىڭدەك  تۆۋەن قاتلامدا پەس خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى،بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ پەرق ئىچكى دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك چىدامچانلىقى ئارقىلىق راۋاجلاندۇرۇلغان.

 ئاۋاتلىغى : 370  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-12-18 18:08:04 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682