يەكەن ناھىيەسىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك «جەلپكار يەكەن» زىيارەت پائالىيىتى ۋە بادام چېچىكى بايرىمى -ئاپرېل يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدا باشلاندى. بۇ بايرامغا مۇخبىر، فوتوگراف، ئەلنەغمىچى، قول ھۈنەرۋەن، رەسسام ۋە دېھقانلاردىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئۇقۇشىمچە، يەكەن ناھىيەسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان، جۇڭگودا بىردىنبىر بولغان بادام ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، ناھىيە بويىچە بادام ئومۇمىي كۆلىمىنى 850 مىڭ موغا يەتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 260 مىڭ مو يەردىكى بادام مېۋىگە كىرگەن. بادامچىلىق بۇ ناھىيەنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغان. 2011-يىلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بادام ئومۇمىي ھوسۇلى 13 مىڭ 925.5 توننىغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 382 مىليون 675 مىڭ يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ بادامدىنلا قىلغان كىشى بېشى كىرىمى 430 يۈەنگە يەتكەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې لىمىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ناھىيەمىز بادامچىلىقتا مەۋقەنى كۆلەم ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سۈپەت ئارقىلىق بازارنى ئىگىلەشكە قارىتىپ، «12-بەش يىل» نىڭ ئاخىرى بادام كۆلىمىنى مىليون موغا يەتكۈزۈمىز. بادام چېچىكى بايرىمى 10-مارت ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە 3-نۆۋەتلىك «جەلپكار يەكەن» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرشكەن ئەسەرلەر بىلەن دېھقان رەسساملارنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرى مۇكاپاتلاندى؛ ئۇزۇن چاچلىقلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى؛ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى؛ ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قوچقار، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، چىلىشىش، دارۋازلىق مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号