جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ گۈزەللىرىدىن ئايروخانقىز تاللىدى |
ئۈرۈمچىنىڭ قەيىرىدە ساھىبجاماللار ۋە كېلىشكەن يىگىتلەر ئەڭ كۆپ ؟ ئېھتىمال ئۈرۈمچىنىڭ دىۋوپۇغا جايلاشقان خەلقىئارالىق ئايرودرومنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتى مەدەنىيەت مەركىزىدە بولسا كېرەك . 4- ئاينىڭ 24 - كۈنى ، جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئون ئالتە ئوبلاست -شەھىرىدىكى 2000 نەپەرگە يېقىن خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى . بۇ كۈنى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار ئالدىراشلىق ئىچىدە خىزمىتىنى داۋام ئېتىۋاتاتتى . خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتكەنىدى . تىزىملىتىش ئۈچۈن كەلگەن ساھىبجاماللار ۋە كېلىشكەن شاھزادىلەر ئۈرۈمچىنىڭ باھار پەسلىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىۋەتكەنىدى .

شۇ كۈنى خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىمدا باشلانغان بولۇپ ، سائەت توققۇزغىچە بولغان يېرىم سائەت ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالدى ئۇزۇن ئۈچىرەت ھاسىل قىلغانىدى . خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچى ياشلار ئۈچىرەتكە قوشۇلماقتا ئىدى . ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ كۆپلىكىدىن مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى مېھمان كۈتۈش يولىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەنىدى . قاتناش ساقچىلىرى ئىزچىل تۈردە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەسلى پىلاندا سائەت 12 ئاياقلىشىدىغان تىزىملىتىش خىزمىتى قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكە قالغان . بۇنىڭ بىلەن بەزى ئوقۇغۇچىلار تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئىمتىھاننى بېرىپ قايتىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنىدى .

بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار بولۇپ ، بۇ قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پۇختا تەييارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلانغانىدى . 21 ياشلىق ئالمىرە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىلدىكى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشى ئىدى . ئەمما ئۇ ئىلگىرى بىرىنچى نۆۋەتلىك ياۋرۇ-ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە پىدائىي بولۇپ ئەزىز مېھمانلار زالىغا مەسئۇل بولغانىدى . ھەمدە سېستىمىلىق تەربىيلىنىشكە قاتناشقانىدى . روس تىلى ئۆگۈنۈۋاتقان بۇ قىز بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشقا چوڭقۇر ئىشچەنچىسى بىلەن ئاتلانغانىدى . بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ جەڭ مەيدانىغا بىللە كەلگەن بولۇپ ، ئۇلار بالىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . رېن خانىمنىڭ قىزى بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئۇ قىزنىڭ مۇنەۋەر بىر ئايروخانقىزى بولۇشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلاتتى ، ھەمدە قىزىنىڭ چىرايى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ شەرتكە توشىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بار ئىدى . شۇڭا ئۇلار سەھەردىلا باگاڭدىن ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەنىدى .


ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىش شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كۆزدىن كەچۈرۈش باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، يەنە قايتا ئىمتىھان باسقۇچى ، يازما ئىمتىھان باسقۇچى ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق قەدەممۇ - قەدەم ئەڭ مۇنەۋەر ئايروپىلان خادىملىرىنى تاللاپ چىقىدىكەن .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-4-27 22:13:04 كۆرۈلۈشى : 1403 قېتىم] |
|