غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى |
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجىدىكى 61ياشقا كىرگەن ئىمىنجان ئاكاش ئېرىقتا ئاق رەڭلىك بىر نەرسىنى بايقاپ قالغان ھەمدە سۈزۋېلىپ ئۆيگە ئەكىتىپ باققان، ئېلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تەجىرىبە خانىسىدا ئېغىرلىقى 9كىلوگىرام كېلدىغان بۇ جىسىمنىڭ تىنىدە ھۆجەيرە بار،ھاياتلىق ئىلەنلىكى بايقالغان. بۇ نەرسە رىۋايەتلەردىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دورىسى(خەنزۇچە 太岁دەيدىكەن،ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن ئىزدىسەم يۇپىتېر دەيدۇ) دەپ قارىلىپ ئىمىنجان ئاكاش تەرپىدىن 1مىليون باھا قويۇلغان،بۇ راستىنلا ئاشۇنداق جىق پۇلغا يارايدىغان نەرسىمۇ ؟ قېنى فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى .
太岁رىۋايەتلەردە دىيىلگەن نۇرغۇن پادىشاھلار ئىزدەيدىغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دورىسى،بۇ نەرسە يەنە 肉灵芝دەپمۇ ئاتىلىدۇ.لىشىجىننىڭ دورا ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرىسىدە مۇشۇ خىل نەرسە خاتىرلەنگەن. نوپۇزلۇق قەدىمى تىبابەت كىتابلىرىدا خاتىرلىنىشچە بۇ نەرسە چارچاشنى يوقۇتۇپ،ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇردىكەن،بۆرەك جىگەر قاتارلىقلارنى كۈچلەندۈرۈش رولى بار ئىكەن،ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسمە،راك كېسلگە شىپا قىلىدىكەن،بۇ خىل نەرسە ناھايىتى ئاز كۆرۈلدىكەن.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-12-13 11:42:29 كۆرۈلۈشى : 3328 قېتىم] |
|