دۇ ۋېنجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2011 – يىلى ئۆي – مۈلۈك سودا مىقدارى خېلىلا ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆي – زېمىن ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكى ۋە يەر خېتى بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغان ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئازايغانلىقتىن، يەر خېتى بېجى كىرىمى 2010 – يىلىدىكىدىن %23.58 ئاشقان، شۇڭا ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي – زېمىننىڭ ئوتتۇرىچە سودىلىشىش باھاسىنى يېڭىدىن بېكىتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆي – زېمىن يەر خېتى بېجىنىڭ باج نىسبىتى %3 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئۆزى ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالغان، ئۆينىڭ كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن 140 كىۋادرات مېتىرغىچە بولغان ھەم سېتىۋالغان ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە سودىلىشىش باھاسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئوخشاش ئورۇندىكى ئۆي – زېمىن ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ 1.4 ھەسسىسىدىن ئاشمىغان ئائىلىلەردىن يەر خېتى بېجىنىڭ يېرىمى ئېلىنىۋاتىدۇ، يەنى باج نىسبىتى %1.5 بولۇۋاتىدۇ؛ تۇنجى قېتىم كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىر ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئادەتتىكى تۇرالغۇ سېتىۋالغان ھەم ئۆي سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئوخشاش ئورۇندىكى ئۆي – زېمىن ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ 1.4 ھەسسىسىدىن ئاشمىغانلاردىن ۋاقتىنچە %1لىك باج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى ئېلىنىۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى 1 – شۆبە ئىدارىسىنىڭ باج تەھلىلچىسى رۈي شياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئوخشاش ئورۇندىكى ئۆي – زېمىن ئوتتۇرىچە باھاسى 2008 – يىلى بېكىتىلگەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلگەن ئۆي – زېمىن ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ 1.4 ھەسسىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇڭا يەر خېتى بېجىدا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدىغانلارنىڭ سانى ئازىيىۋاتىدۇ، 2010 – يىلى يەر خېتى بېجىنى تاپشۇرغانلار 86 مىڭ 354 كىشى، يەر خېتى بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغانلار 74 مىڭ 745 كىشى بولغانىدى، ھالبۇكى 2011 – يىلى ئاران 24 مىڭ 802 كىشى يەر خېتى بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولدى، ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ كۆپچىلىكى %3لىك يۇقىرىباج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى تاپشۇردى، بۇمۇ يەر خېتى بېجىنى كۆپەيتكەن ئاساسلىق سەۋەب.
ئۇقۇشىمچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي – زېمىن سودىلىشىش باھاسىنىڭ ئەمەلىي ئوتتۇرىچە باھادىن تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، ‹‹<ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي – زېمىن ئوتتۇرىچە سودىلىشىش باھاسىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈش>كە پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، ئۆي – زېمىن ئوتتۇرىچە سودىلىشىش باھاسىنى يېڭىدىن تۈزمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.