‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرىدىكەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , ياشلار بايرىمىغا يەنە 0 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك

 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر دېھقان پە..
جەنۇب ئاۋىئاتسىي..
شىنجاڭدا كەڭ كۆل..
XJTV« ئىستىقبال سە..
كۆيۈمچان باغۋەن ..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
4-نۆۋەتلىك «جەلپك..
‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكت..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر دېھقان پە..
‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكت..
ئۈرۈمچى شەھىرى ئ..
شىنجاڭ لىللا خەل..
ئۇيغۇر ئاكادېمىك..
دېكتورى ئابدۇقاد..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۇما ناھىيسىدە تېرورلىق ۋەقەسى يۈز بەردى..
1931-يىلىدىكى ئەزىزانە يۇرتىمىز قەشقەرنى ‍كۆرۈ..
خوتەن ۋىلايىتىدىكى قارىقاش دەرياسىغا تۇيۇقسىز ..
ئاق كۆڭۈللەرگە مۇراجىئەت!..
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي كىي..

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرىدىكەن
  • مەنبە: www.ulinix.cn
  • 2012-04-06 12:46
  •     شىنجاڭ ‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى 2004-يىلى 3-ئىيۇن قۇرۇلغان بولۇپ، ‹‹ مەشرەپ›› ماركىسىنى قوللىنىشقا باشلىغان . شىركەتنىڭ ھازىر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 158 ئورۇندا توپ ۋە پارچە سېتىش ئورنى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنى بار بولۇپ ، شىركەت نەچچە يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات جەريانىدا، ئىزچىل ھالدا مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خېرىدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان . 

    ‹‹ شىركىتىمىز رايونىمىزنىڭ مىللىي ئىگىلىكتىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى بولماسلىققا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىگە جايلاشقان خۇاباۋ گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇش توغرىلىق توختام ئىمزالىدۇق، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى جىددىي ئىشلەۋاتىمىز››...- مانا بۇ شىنجاڭ مەشرەپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مەخمۇدجاننىڭ ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېيتقان سۆزى.

       
         3  –ئاپرېل، شىنجاڭ مەشرەپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچى خان ساراي تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىرئەپەندى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرى ، يازغۇچى ، شائىر، ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلار، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بېشى ۋە ئۇچىسىغا ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتى تەمىنلىگەن بىر يۈرۈش دوپپا ۋە كاستيۇم بۇرۇلكا كەيگەن 150 دىن ئارتۇق ۋاكالەتچىلەر بۈگۈن خان ساراي تىياتىرخانىسىغا جەم بولغانىدى .
        يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى . يىغىن جەريانىدا سۆز قىلغان مېھمانلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن مەشرەپ شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ، باھاسى ، كىشىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلار ئۈستىدىن ئوبيېكتىپ باھالارنى ۋە ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ–پىكىرلەرنى بەردى.
      شىنجاڭ ‹‹مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مەھمۇدجان يىغىندا مۇنداق دېدى: تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، ئېلېكتىر ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار كىشىنى خۇش قىلسا، بىراق بۇ ساھەدىكى بەزىبىر ناتوغرا رىقابەتلەرمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ، ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىگە نۇرغۇنلىغان سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ ، بىراق بىز ئىستېمالچىلارغا بەرگەن ۋەدىمىزدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەملىك ، سۈپەتلىك بولغان ئائىلە مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، كەڭ خەلقنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

     

         نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈن تىنسىز خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مەھمۇدجان ئەپەندى يىغىن جەريانىدا ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىغا ئايرىم ئايرىم ھالدا 20 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەن پۇلنى ياردەم قىلدى . مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم بىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندى نەق مەيداندا سەھنىگە چىقىپ ، ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجراتقان 40 مىڭ يۈەن پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، شۇنداقلا بۇ پۇللارنى ئىقتىسادقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يوقسۇللارنىڭ ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تەگكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مەھمۇدجان ئەپەندى بۇ پۇلنى بۇ ئىككى سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىدا مەيداندىكى بارلىق مېھمانلار گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

     

      ئارقىدىن ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان 10 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى ‹‹ ئالما›› كومپىيۇتېر ۋە ‹‹ ئالما›› ماركىلىق يانفۇن بىلەن مۇكاپاتلاندى . مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆزىدە چاقناۋاتقان ئۈمىد نۇرى ئۇلارنى كېيىنكى يىللىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە، شىركەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا ئۈندەۋاتقاندەك قىلاتتى.


     

          ئەڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلغار ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش-تەغدىرلەش پائالىيىتى يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى . ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتى بۇ يىل سېتىشتا رېكورد ياراتقان ، خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلغان 10 غا يېقىن ۋاكالەتچىگە مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى ۋە موتوسىكىلىت قاتارلىق قاتناش بۇيۇملىرىنى ، ئوتتۇرا ئاسيادىكى ۋاكالەتچىسى، پاكىستانلىق سودىگەر سەرتاجى قاتارلىق ۋاكالەتچىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 مىڭ ، 80 مىڭ ، 60 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى . قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاكالەتچىسى نۇرمۇھەممەدجان ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋاكالەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيان ، ۋاكالەتچىلىرىنى قوللاپ، مەدەت بېرىپ ، ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ، مۇلازىمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى تېخىمۇ زورايتىش بىلەن بىرگە، ‹‹ مەشرەپ›› ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

     

    ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىغىن ناھايىتى مول ھوسۇللۇق ئېچىلغانىدى . يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاكالەتچىلەر خان ساراي تىياتىرخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتىنىڭ توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇ، كومپىيۇتېر... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى . جېجياڭ نىڭبو خۇاباۋ گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى باۋ جيەنخۇڭ ئەپەندى ‹‹ مەشرەپ ›› شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مەھمۇدجان ئەپەندى بىلەن نەق مەيداندا توختام ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە توختامغا ئىمزا قويۇپ ، يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە توختاملاشتى.
     

     

    ئىگىلىنىشىچە، ۋاكالەتچىلەر ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ ‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن 2012-يىللىق ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاش ، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. 

     

        

     


     

    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-9 11:54:49  كۆرۈلۈشى : 505 قېتىم]

      
     ئىنكاس يوللغۇچى : قەييۇمجان
    ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ ،موشۇنداق مىللى كارخانچىلارنىڭ ،تىخىمۇ روناق تىپىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،بىز ئۈچۈن شەرەپ
    يوللىغان ۋاقىت: 2012-4-27 20:07:51 [كەلگەن ئورنى: 222.80.86.239]

    خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
    سۇۋاركىچىلىق دۇكىنى ئۆتۈنۈپ بىرىلىدۇ
    ياخشې نۇمۇر سـتلدۇ
    ...[پويىز ئستانسىنڭ ۋاگۇن تازلاش ئورنىغا جىددى خىزمەتچى..
    كوپ پۇل تىپشنى ئويلامسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟تىزدىن مەن بىلەن..
    مەكتىپىمىزگە خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلنىدۇ.
    ھۇكىمەت تارمىقىدىكى شىركەتكە قوغداش خادىمى قۇبۇل قىلم..
    ئوي ئىجارە بېرىمەن
    ئاشىخانىمىزغا جىددى قاچا-قۇچا دىزىمفىكسەلەشكە ئادەم ق..
    ئورنى ياخشى بولغان تاللا بازار سىتىلدۇ.
    شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردىن پورقىش زاۋۇتىغا جىددى11نە..
    پەنەركە زاۋۇتىغا ئادەم كەمچىل بۇلۇش سەۋەبىدىن جىددىي 1..
    .........[قەغەز- يىشىك زاۋۇتىغا جىددى 15 نەپەر ئشچى قۇبۇل قىل..
    مەلۇم شىركەتكە جىددى 15نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمى قوب..
    ئەر-ئاياللارغا جىددى خوش خەۋەر ؟؟؟؟
    كەڭ ياغاچچى، ئوي بىزىگۇچى(جاڭشوچى) قېرىنداشلارغا خوش-خ..
    گۈزەلئۆي بىزەكچىلىكى
    ھەركەتلىك | فانتازيىلىك | قورقۇنۇچلۇق | ئۇرۇش | بوكىس | ئۇيغۇرچە | قىسىملىق | كارتون | كومىدىيىلىك | مۇھەببەت
    پىچاقچى
    قەھرىمان
    كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببە
    گىگانىتلار 3-بۈلۈم
    چەۋەنداز مۈشۈك
    يېڭى ‹غەرىپكە ساياھە
    ناتىۋانلار 1-72
    قىساسكار ئاشىق 1 -10
    قىزىم نەدە؟ 1 - 104
    كورتلار ۋادىسى - ئىر

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682