ئاق كۆڭۈللەرگە مۇراجىئەت! |
بىمار غەيرەت ئابدۇراخمان

مەن كۇچار ناھىيسىدىن ئابدرۇراخمان ئىسمايىل. مەن بۈگۈن ئىنتايىن خىجىللىق ئىلكىدە مۆھتەرەم جامائەتچىلىككە كۆڭۈل سۆزۈمنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن. بۇيىل ئەمدىلا 23ياشقا كىرگەن يۈرەك پارەم، جان- جىگەر ئوغلۇم غەيرەت ئابدۇراخمان سالامەتلىكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار دىئاگنۇز قويۇپ بالامنىڭ يامان سۈپەتلىك لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئاز بولغاندىمۇ 150000 (بىر يۈز ئەللىك مىڭ ) يۈەن كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىتى ، بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم داۋالىتىش جەريانىدا بار-يوق ئىقتىسادتىن ئايرىلغاچقا ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بۇخەۋەردىن ئائىلىمىزدىكى بارلىق بالا- چاقىلىرىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنىڭ يۈرىكىمىز ئېزىلىپ، نېمە قىلارىمىزنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. پەرزەنتىنى قانچىلىك بەدەل تۆلەشىتىن قەتئىينەزەر قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش مېنىڭ. شۇنداقلا ھەرقانداق بىر ئاتا بولغۇچنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. لېكىن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئامالسىز قېلىۋاتىمەن. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن دوستنىڭ دوستلۇقى باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنۇر دېگەن ئۇلۇغ ھېكىمەتنى ئېسىمگە ئېلىپ، نۇرغۇن جەبىرى- جاپالارنى تارتقان، بالا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىدىغان، بىرىنىڭ بېشىغا كۈن كەلگەندە سېخىي قولىنى سۇنۇپ ھېسىداشلىق قىلىدىغان، مىھرىبان كىشىلەرنىڭ ياخشى خىسلىتىنى ئېسىمگە ئېلىپ، ئامالسىزلىقتىن كەڭ جامائەتچىلىككە مۇراجەتنامە يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەگەر كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بالامنى داۋالىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسەم مەن ۋە مېنىڭ بارلىق بالا- چاقىلىرىم سىزلەرنىڭ بالام ئۈچۈن قىلغان مېھىر- شەپقىتىڭلارغا ئۆمۈر بويى جاۋاپ قايتۇرغان بولاتتىم.
ئىئانە قوبۇللاش كارتا ئۇچۇرى: 艾来提。阿布都热合曼 ئىسمى: سودا-سانائەت بانكىسى 6222023014001918364 كارتا نومۇرى 艾来提。阿布都热合曼 ئىسمى: يېزا ئىگىلىك بانكىسى 6228480890554306419 كارتا نومۇرى:
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-3-7 10:28:09 كۆرۈلۈشى : 1214 قېتىم] |
|