جۇڭگو مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن موڭغۇلىيە مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان موڭغۇلىيە مەدەنىيەت ئېيى پائالىيىتى 12-ئاپرېل كەچتە بېيجىڭدا باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، موڭغۇلىيە سەنئەتكارلىرى مول، رەڭدار ئەنئەنىۋى مۇزىكا، ئۇسسۇل، سېرك نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، بىر ئايلىق بۇ پائالىيەتتە، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپلەر بېيجىڭ خۇاڭچېڭ سەنئەت سارىيىدا موڭغۇلىيە رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号